ئىسقىرتقىلار ئالتايغا ماكانلاشتى

日期:2021年01月11日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار ئارداق، دۇمان ماقسات خەۋىرى، فوتوسى): 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىدە ئىسقىرتقىلارنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالدى، قۇشلار توپ-توپ بولۇپ ئوينىشىپ قىش پەسلىگە ھاياتىي كۈچ قوشا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان بايلىقىنى قوغداش، ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈك كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدى، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىشى تېز بولدى، تۈرلۈك قۇشلارمۇ بۇ يەرنى ماكانلىشىدىغان جاي قىلدى.