شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، نەچچە ئون مىڭ يېشىل باش ئۆردەك ئارشاڭ ناھىيەسى چاغانتوڭگى بازىرى مۇتىت خاۋخۇتۇ كەنتىدىكى ئارىشاڭدا كۆڭۈللۈك ئوينىماقتا. بورتالا دەريا ۋادىسىدىكى مۇتىت خاۋخۇتۇ كەنتىدە نۇرغۇنلىغان بۇلاق بار بولۇپ، ھەر يىلى قىش پەسلىدە، بۇ يەرنىڭ ياخشى بولغان مۇھىتى ياۋا ئۆردەك، ئاق قۇ، ئۇقار، قارنا قاتارلىق قۇشلارنى بۇ جايغا كېلىپ قىشلاشقا جەلپ قىلىدۇ.
خۇ ۋېيبىن فوتوسى