شىنجاڭ خوراتاغ تېغى: جىمجىت تاغ جىلغىسىدىكى قۇشقاچلار

日期:2021年01月08日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: زىمىستان قىشتا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتى ئەتراپىدا، تاغ كەكلىكى يانتۇ يەردە ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتاتتى، سېرىق تۇمشۇق تۇردۇس قۇشى بىلەن قارا بويۇن تۇردۇس قۇشى شاخلاردا ئويناۋاتاتتى، سېغىزخان دەرەخ شاخلىرىدا سايرىشىپ، جىمجىت تاغ جىلغىسىغا جانلىق كەيپىيات قوشتى.

خوراتاغ كەنتى خوراتاغ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، بۇ يەردە جىلغا ۋە چاتقاللار كۆپ بولۇپ، قۇشلارنى ياخشى ماكان بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تەشۋىقات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئاممىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى ئاسراش ئېڭىنى تەدرىجىي كۈچەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يىلدىن-يىلغا ياخشىلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. 

شاخلاردىكى قارا بويۇن تۇردۇس قۇشى بىلەن سېرىق تۇمشۇق تۇردۇس قۇشى.

 سېرىق تۇمشۇق تۇردۇس قۇشى ياۋا مېۋە يېمەكتە.

ئۈچ تاغ كەكلىكى تاغ جىلغىسىدا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

كۆك تاغ قۇشقىچى قومۇشلۇقتا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

دەرەخ شېخىدىكى قارلىغاچسىمان لاچىن.

 بۈركۈت تاغ جىلغىسىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلماقتا.

 دەرەخ ئۇچىدىكى قوڭۇر قىيالىق ئانتۇس قۇشى.