شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى: ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئېگىزگە يامىشىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى

日期:2021年01月08日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ما تيەنچى خەۋىرى، فوتوسى): 2021-يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، ئېگىزگە يامىشىش ئارقىلىق يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپ، ۋەتەنگە بەخت تىلىدى.

قاردىن كېيىنكى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى كۈمۈش لىباس كىيگەنىدى، ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس-بەستە قار كېچىپ، يېڭى يىلنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى تاماشا قىلدى.

ئىچكى موڭغۇلدىن كەلگەن ساياھەتچى جياڭ گۈيشىن مۇنداق دېدى: «يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى تىيانشان بوغدا كۆلىگە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن بەخت ھېس قىلدىم. 2021-يىلى ۋەتىنىمىزنىڭ ئامان-ئېسەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ دەل مېنىڭ يېڭى يىللىق ئارزۇيۇم».

سىچۇەنلىك ساياھەتچى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىلا تىيانشان بوغدا كۆلىدە قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندىم، ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بەختلىك ھېس قىلدىم».

ساياھەتچىلەر قارلىق تاغنى ئارقا كۆرۈنۈش، ھەيۋەتلىك بوغدا كۆلىنى سەھنە قىلىپ، دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر تىلىكىنى بىلدۈردى.

ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا مۇز ئۈستى ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق ھەيدىمەكتە.

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى ئەتراپلىق ساياھەت تەسىراتى بىلەن تەمىنلەپ، مۇز قاپلىغان كۆل يۈزىدىن پايدىلىنىپ ئىت سۆرەيدىغان چانا، مۇز ئۈستىدە سوق-سوق ئاپتوموبىل ھەيدەشقاتارلىق 15 تۈرلۈك قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى يولغا قويدى.

تىيانشان بوغدا كۆلى «قارلىق دالىدىكى تىيانشان، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بوغدا كۆلى»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار-مۇز ساياھەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، «ئارزۇ ئىزدەش» ساياھىتى، «ساغلاملىق» ساياھىتى، «كۆرگەزمە» ساياھىتى، «بۇلۇت» ساياھىتى قاتارلىق سەككىز چوڭ قار-مۇز ساياھىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، فۇكاڭ خاس تائاملىرى، ۋۇجياڭ ئارىشىڭى، قار-مۇز تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆزئارا تۈرتكە قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشچانلىقى، ھەمتۈرتكىلىكى، ھېس قىلىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «سوغۇق بايلىق»نى «ئىسسىق كەسىپ»كە ئۆزگەرتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ماركىنى يارىتىپ، مەنزىرە شەھىرىدە ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.