2020-يىلى شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى

日期:2021年01月07日
来源:天山网
【字体:

سايرام كۆلىدە باھار. لەي يۈنىڭ فوتوسى

كۆكتوقايدىكى ئالتۇن كۈز. چېن جىخۇڭ فوتوسى

تېكەس يايلىقى. لەي يۈنىڭ فوتوسى

قىش پەسلىدىكى مايتاغ چوڭ جىلغىسى. جاڭ بو فوتوسى

قۇمقاناستىكى قىش پەسىللىك ئات بەيگىسى. ليۇ شىنخەي فوتوسى

ئىلى ئاق قۇ بۇلىقى. لەي يۈنىڭ فوتوسى

شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن سۆز كىشىلەر قەلبىدىن كۈنسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

19 مەنزىرە رايونى 4A دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، بىر مەنزىرە رايونى 5A دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ باھالاپ بېكىتىشى بىلەن، خوتەن شەھىرى تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونى، جېمىنەي ناھىيەسى يايلىقى تاش شەھەر مەنزىرە رايونى، جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ قەدىمىي شەھەر خارابىسى باغچىسى، باي ناھىيەسى كاڭچى سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونى قاتارلىق 19 مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 109غا يەتتى.

يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 21 مەنزىرە رايوننى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتتى، قاراماي دۇنيا موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونى بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئېسىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە رايونى، ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋە ئېكولوگىيە ساياھىتى ئۈلگە رايونى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېسىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

نارات دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قاتارىغا كىردى

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 2020-يىلى يېڭىدىن بېكىتىلگەن دۆلەت دەرىجىلىك 15 ساياھەت ئىستىراھەت رايونىنى ئېلان قىلدى، نارات ساياھەت ئىستىراھەت رايونى تاللىنىپ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى بولدى.

سەككىز مۇزېينىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو مۇزېي جەمئىيىتى 4-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە مۇزېيلارنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىش، باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىكى سەككىز مۇزېينىڭ دەرىجىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈرۈلدى. قومۇل شەھەرلىك مۇزېي، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېي دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك مۇزېي قاتارىغا كىردى، قاراماي مۇزېيى، مورى مۇزېيى، ماناس مۇزېيى قاتارلىق ئالتە مۇزېينىڭ دەرىجىسى دۆلەت 3-دەرىجىلىك مۇزېيغا ئۆستۈرۈلدى.

ئېسىل لىنىيەنىڭ داڭقى چىقتى

ئۈچ لىنىيە ئون چوڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئېسىل لىنىيەسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

2020 -يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، 2020-يىللىق «جۇڭگو يولى» مەملىكەت بويىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىكى ئون چوڭ سەرخىل لىنىيە ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ «قۇملۇق رىۋايىتى . تەكلىماكان چوڭ ئايلانما لىنىيەسى»، «سىمفونىيەلىك يىپەك يولى . يىپەك يولىدا قايتا مېڭىش»، «سەرگەردان مارس . چوڭ دېڭىز يولىنى كېسىپ ئۆتۈش» بويىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى تاللاندى. بۇ ئۈچ لىنىيە قۇملۇق مەنزىرىسى ۋە رەڭدار مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

قەشقەر مىللىي ئۆرپ-ئادەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېما قىلىنغان ساياھەت لىنىيەسى مەملىكەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھەت لىنىيەسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھكىمىسى تەشەببۇس قىلغان «مەملىكەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېما قىلىنغان ساياھەت لىنىيەلىرىنى توپلاش، تەشۋىق قىلىش» پائالىيىتىگە تاللانغان لىنىيە تىزىملىكى رەسمىي ئېلان قىلىندى، قەشقەرنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېما ساياھىتى تاللاندى. بۇ لىنىيە قەشقەر كونا شەھەر رايونى-يېڭىسار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بازىسى-يەكەن مۇقام مەدەنىيىتى كىچىك بازىرى-مەكىت دولان مىللىي مەدەنىيەت يۇرتى-يوپۇغا داۋاكۆل قۇملۇقى-قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە مىللىي چالغۇ كەنتى-قەشقەر چوڭ بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياخشى تاغ، دەريالار تېخىمۇ كۆپەيدى

تۆت جاي دۆلەت بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندى

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 2-تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇرچىن ناھىيەسى، ئارشاڭ ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8-شىسى شىخەنزە شەھىرى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى نىشان قىلىپ، «رايون ھەمكارلىقى، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ توپلىنىش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھەت بوشلۇقى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. ھازىر، شىنجاڭدىكى يەتتە جاي دۆلەت بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا تاللاندى.

41 جاي مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ تاللاندى

2020 -يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ 2-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتى، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتى، بىڭتۇەن 12-شىسى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى 3-ليەنى قاتارلىق شىنجاڭدىكى 41 جاي تاللاندى.

ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتتىن 56سى بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. «13-بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەش، سىياسەت ئارقىلىق قوللاش، ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، تارىخىي مەدەنىيەت مەزمۇنىنى قېزىپ، تەبىئەت ۋە شۇ جاينىڭ ئادىمىيەت ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خاسلاشقان، پەرقلىق، كۆپ خىللاشقان يېزا-كەنت ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى پائال ئېچىپ، تەبىئىي مەنزىرە، گۈزەل يېزا-كەنت، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك، ئەنئەنىۋى تۇرالغۇنى ئالاھىدىلىك قىلغان بىر تۈركۈم يېزا-كەنت ساياھەت نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ ۋە قۇرۇپ چىقىپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

ئاقىل ساياھەت يولغا قويۇلدى

«شىنجاڭ ئاقىل ساياھىتى» باشقۇرۇش سۇپىسى تورغا چىقىرىلدى

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يولغا قويغان «شىنجاڭ ئاقىل ساياھىتى» باشقۇرۇش سۇپىسى ھەم «شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرى ئالدىن كېلىشىش» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى تورغا چىقىرىلىپ تىجارەت قىلىندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 440 نەچچە مەنزىرە رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 18 مەنزىرە رايونى لىنىيە بويىچە ۋاقىتقا بۆلۈپ ئالدىن بېكىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى.

«شىنجاڭ ئاقىل ساياھىتى» باشقۇرۇش سۇپىسى بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G، AR/VR، ئاستا بىۋاسىتە تارقىتىش قاتارلىق زامانىۋى ئالاقە تورىنىڭ ئەمەلىي تېخنىكىسىنى يۇغۇرۇپ، ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە، تىجارەت كارخانىسى، مەنزىرە رايونى سانلىق مەلۇماتى، توردىكى ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق ساياھەتكە چېتىلىدىغان بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، باشقۇرغۇچىلار مەنزىرە رايونىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، ساياھەتچىلەرنى قولايلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

قىش پەسلىدە قار تېيىلىش قىزىپ كەتتى

قۇمقاناس قار تېيىلىش مەيدانى تىجارەت باشلىدى

قىشتا «بالىلار چۆچەكلەر دۇنياسى» قۇمقاناستا ئاخىرى قار تېيىلىش مەيدانى بار بولدى. 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى جىكپۇلىن قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

كۆكتوقاي قار تېيىلىش مەيدانى تېخىمۇ سېھرىي كۈچكە تولدى

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قىش پەسللىك تۇنجى قار تېيىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى شىنجاڭغا كېلىپ، ھەيۋەتلىك ئالتاي تېغىغاجەم بولۇپ، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىشنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى. بۇ قار تېيىلىش مەيدانى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قار تېيىلىش، ماھارەت كۆرسىتىش، ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئىچى، خەلقئارا مۇسابىقە بىر گەۋدە قىلىنغان خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى.قار تېيىلغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى 1219 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قار يولى بولۇپ، بۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان قار يولى ھېسابلىنىدۇ.

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۈنشيا رەتلىدى