ئاقسۇ ۋىلايىتى: دالا ھەرىكىتى قىش پەسىللىك ساياھەتكە كۈچ قوشتى

日期:2021年01月07日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈي يۈيۇڭ خەۋىرى): قەھرىتان سوغۇق كۈنلەردە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما دالا ھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى.

«بۈگۈن دوستۇم بىلەن پىيادە ئايلانغىلى چىقىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، يەنە ئادەتتە كۆرەلمەيدىغان نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆردۈم» دېدى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى دوستى بىلەن باي ناھىيە قاراسۇ قىزىل دەريا جىلغىسىغا ئايلىنىپ كەلگەن يى جېڭيەن، «دالىدا پىيادە ئايلانغاندا ھەم بەدەن چېنىقتۇرغىلى، ھەم تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ، يەنە دوستلار بىلەن چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ».

باي ناھىيەسىدىكى دالا ھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى ئۆزلۈكىدىن «گۈزەل باي دالا ھەرىكىتى» كۇلۇبى قۇرۇپ، ھەر ھەپتە ئاخىرى ياكى بايرام كۈنلىرىدە كۆپچىلىك بىرگە ئۇچرىشىپ، دالىدا پىيادە ئايلىنىش ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى.

ئاقسۇ شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق ئەسكەرتتى: پىيادە ساياھەت قىلىشنى تاللىغاندا ئالدىنئالا يېتەرلىك تەييارلىق قىلىش كېرەك، سەپەرگە چىقىشتا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئۆزىنى مەجبۇرلىماسلىقى ھەمدە بارىدىغان جاينىڭ مۇھىت ئەھۋالىنى ئالدىن چۈشىنىشى كېرەك. بۇيۇم ۋە جابدۇقلارنى ئوبدان تەييارلاپ، زۆرۈر بولغان دالىدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش بىلىملىرى ۋە دالىدا ياشاش ماھارىتىنى ئۆگىنىش كېرەك. تاغقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئالاقىدار تارماقلارغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ جايدىكى تاغقا چىقىش جەمئىيىتى، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ جىددىي ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەپ، زۆرۈر بولغاندا ياردەم سوراش ۋە قوغداشنى تەلەپ قىلىش كېرەك؛ قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە تاغ رايونىنىڭ ھاۋاسى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ، يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى بارىدىغان جاينىڭ يېقىنقى ئۈچ كۈنلۈك ئېنىق ھاۋا رايى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ناچار كىلىماتنى مۆلچەرلەپ، نەرسىلەرنى يېتەرلىك ئېلىۋېلىش كېرەك؛ ناۋادا يول ئۈستىدە قار-يامغۇر ياغسا، ئەھۋالغا قاراپ سەپەر تەرتىپىنى تەڭشەپ، ئىشلارنى چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كېرەك.