دارېنلار ئىلىنى ساياھەت قىلىپ، قارغا تولغان ناراتنى تاماشا قىلدى

日期:2021年01月05日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ چۈنشىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، «دارېن ئىلى ساياھىتى»نىڭ 1-پەسىللىك «نارات قار مۇھەببىتى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئون نەچچە تاراتقۇ مۇخبىرى ۋە 34 تور دارېنى كۈنەس ناھىيەسىگە جەم بولۇپ زىيارەت قىلدى.

ئىككى كۈنلۈك سەپەردە، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بىلەن دارېنلار نارات خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋەكىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى كۆردى ھەمدە خوگو يېگەچ يىل ئاتلىغان ساليوت كۆرگەزمىسىدىن ھۇزۇرلاندى؛ نارات مەنزىرە رايونىدا، ئۆزگىچە قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى توي مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، سۈرەتكە تارتىپ، قازاقلارنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

1-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24غىچە، دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق قىسقا سىن سۇپىلىرىدا، «دارېن ئىلى ساياھىتى»، «نارات قار مۇھەببىتى» قاتارلىقلارنى ئىزدەش، تارقىتىش قېتىم سانى10 مىليوندىن ئاشتى، تەشۋىقات ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى. دارېنلار ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە ساياھەت تۈرىنى نامايەن قىلىپ، ئۆزگىچە سېھرى كۈچكە ئىگە ئىلى قار-مۇز مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى.