ئالتاي ۋىلايىتى بىر يۈرۈش قىشلىق ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى

日期:2021年01月04日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لۈ ۋېن فوتوسى،خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بارلىق تىجارەت قىلىۋاتقان A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق بىر قاتار قىشلىق ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، تەرەپ-تەرەپتىكى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيې پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:

مەنزىرە رايونلىرىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى بارلىق تىجارەت قىلىۋاتقان A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىدا ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىندى؛

ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش، جاينى ئۆزگەرتىش مۇكاپاتى سىياسىتى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش شەكلىدە ئالتايدىن باشقا جايلاردىكى ساياھەتچىلەر(ھەر نۆۋەتچى ئايروپىلاندا 50تىن كەم بولماسلىق)نى ئالتايغا ساياھەتكە كېلىشكە تەشكىللىگەنئۆمەك،كوپىراتىپقا 20 مىڭ يۈەن (قېتىم) مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئادەم سانى ھەسسىلەپ ئاشسا مۇكاپاتمۇ ھەسسىلىنىدۇ. ئايروپىلانغاجاي ئۆزگەرتىششەكلىدە ئالتايدىن باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر(ھەر بىر نۆۋەتچى ئايروپىلاندا 25 تىن ئاز بولمىغان كىشى)نى ئالتايغا ساياھەتكە كېلىشكە تەشكىللىگەن ئۆمەك، كوپىراتىپقا ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 200 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئادەم سانى ھەسسىلەپ ئاشسا مۇكاپاتمۇ ھەسسىلىنىدۇ؛

ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرسامۇكاپاتلاش سىياسىتى ساياھەت مەخسۇس پويىزى شەكلىدە ئالتايدىن باشقا جايلاردىكى ساياھەتچىلەر(ھەر قېتىمدا 200دىن كەم بولماسلىق)نى ئالتايغا ساياھەتكە كېلىشكە تەشكىللىگەنئۆمەك،كوپىراتىپقا 40 مىڭ يۈەن قېتىم مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئادەم سانىھەسسىلەپ ئاشسا مۇكاپاتمۇ ھەسسىلىنىدۇ.شەرقىي جۇڭغار ئالتاي تېغىنى ئايلىنىدىغان مەخسۇس پويىز تولۇقلىمىسى: ئۈرۈمچىدىن شەرقىي جۇڭغار، كۆكتوقايغىچە، ئاندىن ئالتاي، بۇرۇلتوقاي ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە قايتىدىغان ئايلانما لىنىيە مەخسۇس پويىزى ئالتاي ۋىلايىتىدە ئۈچ كېچىدىن ئارتۇق تۇرسا، ھەربىر نۆۋەتچى پويىزدا 100دىن ئارتۇق ئادەم بولسا، تەشكىللىگەنئۆمەك، كوپىراتىپقا30 مىڭ يۈەن (قېتىم) مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئادەم سانىھەسسىلەپ ئاشسا مۇكاپاتمۇ ھەسسىلىنىدۇ؛

ئۆزى ئاپتوموبىلھەيدەپ ساياھەت قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش شەكلىدە ئالتايدىن باشقا جايلاردىكى ساياھەتچىلەر(ئاپتوموبىل 20 دىن كەم بولماسلىق، ساياھەتچىلەر 60تىن كەم بولماسلىق، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ياتاقتا ياتىدىغانلارنىڭ ۋاقتى ئىككى ئاخشامدىنكەم بولماسلىق)نىساياھەتكە تەشكىللىگەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى(ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققانلار)غا 20 مىڭ يۈەن قېتىم مۇكاپات بېرىلىدۇ؛

مېھمانساراي، يېمەك-ئىچمەك، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ئېتىبار كارتىسى ئەقلىي ساياھەت ئالتاي سۇپىسى (ۋېيشىن ئاممىۋىنومۇرى ياكى كىچىك پىروگرامما)دا مېھمانخانا زاكاز قىلسا 60 يۈەنلىك ئېتىبار كارتىسىدىن بىرسى بېرىلىدۇ؛ يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلغاندا ئىككى دانە ئېتىبار كارتىسى (بىر دانىسى20 يۈەن ۋە بىر دانىسى60 يۈەن) ئېلىش؛ ئالاھىدە مەھسۇلات زاكاز قىلغانلارغا 60 يۈەنلىك ئالاھىدە مەھسۇلات ئېتىبار كارتىسىدىن بىرسى بېرىلىدۇ؛

ساياھەتچى توشۇش رەت تەرتىپى بويىچە مۇكاپاتلاش سىياسىتى سىياسەتنى ئىجرا قىلىش مۇددىتى ئىچىدە، ئالتاي ۋىلايىتىگە توشۇغان ساياھەتچى 1000دىن تۆۋەن بولمىغان ساياھەت كوپىراتىپلىرىغا قارىتا، رەت تەرتىپى ئالدىنقى بەش ئورۇنغا تىزىلغانلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 200 مىڭ يۈەن، 150 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەن، 50 مىڭ يۈەن ۋە 30 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ ئالتاي ۋىلايىتىگە توشۇغانقار تېيىلىش ساياھەتچىلىرى 1000 كىشىدىن تۆۋەن بولمىغان قار تېيىلىش كۇلۇبلىرىغا قارىتا، رەت تەرتىپى ئالدىنقى بەش ئورۇنغا تىزىلغانلارنىئايرىم-ئايرىم ھالدا 200 مىڭ يۈەن، 150 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەن، 50 مىڭ يۈەن ۋە 30 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش قاتارلىقلار.

12-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇنجى قېتىم چاڭغا تېيىلىشقا باشلىغان قۇم كپۇلىن قار تېيىلىش مەيدانىمۇ مۇناسىپ ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى: «قاناس ساياھىتى» باشقۇرغۇچى تەرەپ ۋېيشىن مۇلازىمەت نومۇرىغا تىزىملىتىش، مەملىكەت بويىچە ۋاڭخۇڭKOL، شىنلاڭ ۋىيبوفىنسىسى 500 مىڭدىن كۆپياكى دوۋيىنفېنسىسى 100 مىڭدىن كۆپ بولغانلار قار تېيىلىش مەيدانىدا راۋان تېيىلىش (بىر كۈن) ۋە چەكلىك مىقداردا قار تېيىلىش كارتىسى (بىر قېتىم)دىن بەھرىمەن بولالايدۇ.