شىنجاڭدىكى تۆت جاي «قىشتىكى يېڭى مەخپىي جاي» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى: يېقىندا، مافېڭۋو ئېلان قىلغان ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا «قىشتىكى يېڭى مەخپىي جاي 2020» تىزىملىكىدە قىشلىق ساياھەت بويىچە دۆلەت ئىچىدىكى 50 مەنزىرە نۇقتىسى تاللاپ چىقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى كۈنەس دۆلەت ئورمان باغچىسى، ئاق قۇ سۇلۇق يەر باغچىسى، قاراكۆل، قۇمقاناس كەنتى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.

كۈنەس دۆلەت ئورمان باغچىسى

كۈنەس دۆلەت ئورمان باغچىسى خېجىڭ ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، كۈنەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان، كۈنەس ئورمانچىلىق مەيدانى تۇرۇشلۇق جاي، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1600 مېتىردىن 2400 مېتىر ئارىلىقىدا. بۇ يەر ھەيۋەتلىك گۈزەل ئىپتىدائىي ئۇسلۇبنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، قارلىق تاغ، شەمشاد، ئوتلاق، دەريا ئېقىنى، كىگىز ئۆيلەر مول رەڭدار مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇ يەردە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر مول بولۇپ، ئاپئاق قار دۇنياسىدا قارلىق تاغ، ئورمان، دالا ۋە تاغلارنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى نامايان بولدى. كۈنەس دەرياسى بويىدىكى دەل-دەرەخلەر كۈمۈش لىباس كىيىپ، تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ مەنزىرە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل.

ئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسى قىزىپ كەتتى! فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى سۈرەتكە تارتقان گۈزەل سۈرەتلەرنىڭ توردا كەڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاق قۇ بۇلىقى قىشلىق ساياھەت قىلىدىغان ۋاڭخۇڭ مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

ئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئاق قۇلارنىڭ قىش پەسلىدىكى ئاساسلىق ماكانى، شۇنداقلا ھايۋانات، ئۆسۈملۈك مەنزىرىسى، سۇلۇق يەر مەنزىرىسى، سۇ سىستېمىسى مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشكەن گۈزەل جاي ھېسابلىنىدۇ.

ئاق قۇ بۇلىقى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا يېقىن جايغا جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى پەسرەك، يەر ئاستى ئارىشاڭنىڭ سۈيى بۇ يەرگە كىرسە قىش پەسلىدە مۇز تۇتمايدۇ، ھەرخىل سۇ ئۆسۈملۈكلىرى ئاق قۇلارنى مول تەبىئىي يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. سۇس تۇمان تارقىلىپ، تۇمان سۆڭگىسى زىچ قاپلىغاندا، ئاق قۇلار قوغلىشىپ سۇ ئويناپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ.

قاراكۆل

قاراكۆل ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسىدا بولۇپ، مۇز تاغ چوققىسى بىلەن قوڭۇر چوققىسىدىكى مۇزلۇق تاغ باغرىغا جايلاشقان، ئېگىزلىكتىكى كۆل ھېسابلىنىدۇ. كۆلنىڭ شەرق تەرىپىدە مۇز تاغ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، جەنۇب تەرىپىدە سۇباشى يايلىقى بار. سۈزۈك ئاسمان، ئاپئاق قارلىق چوققىلار، يېشىل يايلاقلار ۋە كۆل بويىدىكى قوي-كالىلارنىڭ شولىسى كۆلدە ئەكس ئېتىپ، بىر پارچە تەبىئىي تاغ-دەريا رەسىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرىدە، كۈمۈش چوققا زۇمرەتتەك سۇ يۈزىدە ئەكىس ئېتىپ، كۆل ۋە تاغلار بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى. ھەر يىلى ياز ۋە كۈز پەسلىدە، بۇ يەر تاغقا يامىشىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ لاگىرى، شۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قىلىدىغان سورۇنىغا ئايلىنىدۇ.

قۇمقاناس كەنتى

سىزنىڭ خىيالىڭىزدىكى قىش قانداق؟ كۆز يەتكۈسىز چەكسىز ئورمانلىق، قارلىق دالا، بالىلار چۆچەكلىرىدىكى كىچىك ياغاچ ئۆي، ئاپئاق، پارقىراق قىيىن سۆڭگىسى، ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان كىچىك كەنت، يەنەپۈتۈن ئاسماننى قاپلىغان يۇلتۇزلار... ئۇنداقتا سىز چوقۇم «بالىلار چۆچىكى دۇنياسى» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە قۇمقاناس كەنتىگە كېلىڭ.

قۇمقاناس كەنتى قاناس كۆلى بويىدا بولۇپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ھەمدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز. بۇ يەرنىڭ تۇمانلىق سەھىرى بىلەن كۈن چىقىشىنى كىشى ئۇنتالمايدۇ. يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن تۇمانلار شامالغا ئەگىشىپ تارقاپ، ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش نۇرى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كۈمۈش لىباس كىيگەن كەنتنى بىر قەۋەت ئالتۇندىن ھەل بەرگەندەك يورۇتىدۇ.

بۇ يەردە يەنە ئات سۆرەيدىغان چانىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چانىغا ئولتۇرۇپ، ئاق قېيىنزارلىقتا ئۇچقاندەك يۈرگىنىڭىزدە، تولىمۇ قىزىقارلىق بولىدۇ. سوغۇق ھېس قىلغىنىڭىزدا، ئىللىق ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، تۇۋالارنىڭ ئەتكەن چېيىدىن بىر چىنە قويۇپ، تۆت-بەش يېقىن دوستىڭىزنى چاقىرىپ، لەرزان چۇئېر مۇزىكىسىغا قۇلاق سېلىپ، قىشتىكى ئۆزگىچە راھەتتىن قانغۇچە ھۇزۇرلانسىڭىز بولىدۇ.