شىنجاڭ باغراش كۆلى: كۆلدە مۇز تۇتۇپ قامال قىلىندى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

  تىيانشان تورى خەۋىرى: قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدىن كېيىن، شىنجاڭدىكى باغراش كۆلىنى پۈتۈنلەي مۇز تۇتۇپ كۆل قامال قىلىندى، كۆل ئەتراپىدىكى ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ساياھەت پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى. 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا «شىخەي قار-مۇز ساياھىتى. شادلىققا تولغان باغراش سەپىرى» باش تېما قىلىنغان قىشلىق قار ـ مۇز ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى يىل كۈتۈۋېلىندى. ئىگىلىنىشىچە، 2020 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 2021 ـ يىلى يۈەنشياۋ بايرىمى مەزگىلىگىچە، باغراش ناھىيەسى بىر قاتار قىشلىق مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە «شىخەي لۇڭجۈ» ئات سۆرەيدىغان چانا، خاس تائاملار بايرىمى قاتارلىق مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىكەن. چۆ. خۇرە

 «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى