قىشتىكى خۇالىن باغچىسىغا نەزەر

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى خۇالىن باغچىسىنىڭ قىش مەنزىرىسى.

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ شياۋجۈەن خەۋىرى، فوتوسى): قىش پەسلىدە ئالتاي شەھىرىدىكى خۇالىن باغچىسى كۈمۈش لىباسقا ئورالغان بولۇپ، ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل بولدى. ئەگرى ـ بۈگرى چىغىر يولدا كېتىۋېتىپ، ئاياغ ئاستىدىكى قارنىڭ «غىچ ـ غىچ» قىلغان ئاۋازىنى، بۇلاق سۈيىنىڭ بۇلدۇقلىغان ۋە قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەندە، ئادەم خۇددىي ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك ئورمانلىققا سىڭىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ.