شىنجاڭ نارات: قاردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى

日期:2020年12月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: زىمىستان قىش پەسلىدە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق مۇز تۇتۇپ، پايانسىز ئاسماندا قار لەيلەپ، شىمالىي جۇڭگونىڭ گۈزەل مەنزىرىسى شەكىللەندى. شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىگە جايلاشقان نارات يايلىقىدا قاردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، كۆپكۆك ئاسمان، كۆككە تاقاشقان قارىغايلار، يەنە قار ئۈستىگە سەكرەپ چۈشكەن قۇياش نۇرى كۈمۈش رەڭگە ئورالغان ئوتلاققا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تۈس قوشتى.

بۇ يىل، كۈنەس ناھىيەسى رەڭگارەڭ قىشلىق ساياھەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە مول مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت پائالىيەتلىرىنى ھېس قىلالايدۇ.

 «学习强国»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى