شىنجاڭ تېتىما كۆلىدە تۇنجى قېتىم ئاق قۇ بايقالدى

日期:2020年12月30日
来源:天山网
【字体:

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياۋا ئۆردەك ۋە ئاق قۇلار شىنجاڭ تېتىما كۆلىنىڭ كۆل يۈزىدە ئۈزمەكتە.

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ شۆلۇڭ، ۋاڭ يۇڭچياڭ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، تېتىما كۆلى سۇ رايونىدا، سەككىز گۈزەل ئاق قۇ ۋە بىر نەچچە قىزىل تۇمشۇق ئۆردەك بەخىرامان سەيلە قىلىپ ئوينىدى. بۇ تېتىما كۆلى سۇ تەۋەلىكىدە تۇنجى قېتىم ئاق قۇنىڭ بايقىلىشى.

بۇ يىل تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 21 ـ قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلدى، ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېتىما كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۈنسېرى ياخشىلاندى. ھازىر، تېتىما كۆلىنىڭ كۆلىمى 130 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قويۇق تۇمان قاپلىغان بۇ كۆل سۇ قۇشلىرىنىڭ پەرۋاز قىلىدىغان شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى.