نارات دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونلىرى قاتارىغا كىردى

日期:2020年12月29日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 2020 - يىللىق يېڭى بىر تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، نارات ساياھەت ئىستىراھەت رايونى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى.

نارات ساياھەت ئىستىراھەت رايونى كۈنەس ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي ئۇچىغا جايلاشقان. ئىستىراھەت رايونى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېگىز تاغ يايلىقى ساياھەت رايونى، قازاق مىللىي ئۆرپ - ئادەت رايونى، ساياھەت تۇرمۇش رايونى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. ھازىر ساياھەت يولىدىن ئالتىسى بار بولۇپ، جەمئىي 132 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەنزىرە نۇقتىسىدىن 27 سى بار بولۇپ، ساياھەت، ئىستىراھەت، سودا ئىشلىرى، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن بىرىكمە ساياھەت ئىستىراھەت رايونىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە، نارات مەنزىرە رايونى 2018 - يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2 مىليون 940 مىڭ ئادەم قېتىمغا، 2019 - يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 4 مىليون 30 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئېشىپ، بىۋاسىتە ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 490 مىليون يۈەن بولدى.

نارات ساياھەت ئىستىراھەت رايونى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، تىپىنى ئۆزگەرتىش، سۈپىتىنى ئاشۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى ساياھەت تۈرىدىكى مەنزىرە رايونىنى زامانىۋى ساياھەت ئىستىراھەت تىپىدىكى مەنزىرە رايونىغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، مايتاغ - كۇچا تاشيول مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇشى، ئەقلىي مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، ئاممىۋى ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى، ئاتلىق ئەترەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەتچىلەر ئارام ئېلىش رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تاماملىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان دەم ئېلىش، ئىستىراھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قۇرۇپ چىقىدىكەن.

دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ساياھەت كەسپىدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئالتۇن خەتلىك ماركا بولۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. 2015 - يىلىدىن باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونىدىن 30ى باھالاپ چىقىلدى، بۇ يىلقى 15نى قوشقاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونىدىن جەمئىي 45ى بار بولدى.