شىنجاڭ باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى ئېچىلدى

日期:2020年12月29日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ لۇبىن، نيەن لېي، سۇڭ چيەنچيەن، نيۇ ياجۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى داخېكوۋ (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونى ئېچىلدى، «شىخەي قار-مۇز ساياھىتى. شادلىققا تولغان باغراش سەپىرى» باش تېما قىلىنغان تۈرلۈك مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى قار تېيىلىش مەيدانىدىكى تەنھەرىكەت خۇشاللىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

باغچە ئېچىلغان نەق مەيداندا، ئاپئاق قارلار قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئانچە يىراق بولمىغان قاردەك ئاپئاق قار تېيىلىش يولىدا، كىشىلەر ئۈستىدە تەنتەنە قىلىشىپ، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ، غۇيۇلداپ تېيىلىپ، قار تېيىلىش ئېلىپ كەلگەن شادلىق تۇيغۇسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. كورلىدىن كەلگەن ساياھەتچى ياڭ ۋېنلۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ئوينىشىم، بۇ يەردە كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن، بولۇپمۇ تېز سۈرئەتلىك قار چەمبىرىكىنى تېيىلسا بەك پەيزى بولىدىكەن».

پائالىيەت كۈنى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا مىللىي ناخشا ـ ئۇسسۇل قاتارلىق مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە قاردا باغراش كۆلى «كۇرۇشكا بېلىقى»، بېلىق كاۋىپى، راك كاۋىپى قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنى يەپ، «مۇز بىلەن ئوت بىرلىشىش»تەك قالتىس لەززەتنى ھېس قىلدى.