مۇز بىلەن قاپلانغان سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

日期:2020年12月29日
来源:天山网
【字体:

  2020-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان مۇز بىلەن قاپلانغان شىنجاڭ سايرام كۆلى كۆل يۈزىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جېڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل سايرام كۆلىدە ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 20 كۈن بۇرۇن مۇز تۇتتى، ھازىر ئەڭ ياخشى قار ـ مۇز تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى. ھەر يىلى زىمىستان قىش پەسلىدە، سايرام كۆلىنىڭ كۆل يۈزى مۇز تۇتۇشقا باشلايدۇ، بۇ مۇز پارچىلىرى ھەرخىل بولۇپ، مەرۋايىتتەك يالتىراپ تۇرىدۇ، نۇر ئاستىدا تۇرغاندا كۆك ياقۇتقا، بەزىدە قىزىل ياقۇتقا، يەنە بەزىدە يېشىل قاشتېشىغا ئوخشاپ قالىدۇ، كىشىلەر تەبىئەتنىڭ سېھرىي كۈچىگە ئاپىرىن ئوقۇماي قالمايدۇ.