تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدە، كەڭ كەتكەن توغراقلىق كۈزدىكى ئالتۇن رەڭلىك گۈزەللىك بىلەن خوشلىشىپ، ئىلگىرىكى جۇلالىنىپ تۇرغان دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى تاشلاپ، قەھرىتان قىشتا كۈمۈش لىباس كىيدى. قاتار ـ قاتار توغراقلار خۇددى ئۇسسۇلچىلارغا ئوخشاش ئاپئاق تونغا ئورىنىپ، لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ،قار ـ مۇزلۇق بىپايان چۆل ـ باياۋاننى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.
«学习强国»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى