32 مەنزىرە رايوننىڭ كىرىش بېلىتى ھەقسىز! ئالتاي قىشلىق ساياھەتچىلىكتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى

日期:2020年12月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز رېن جياڭ): 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى 2021 — 2020-يىللىق قىشلىق ساياھەت ئېتىبار سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، بارلىق تىجارەت قىلىۋاتقان A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولۇش قاتارلىق بىر قاتار قىشلىق ساياھەت ئېتىبار تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيې پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كىرىش بېلىتىنى ھەقسىز قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويغان جايلار قاناس، كۆكتوقاي قاتارلىق 32 مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان قىشلىق ساياھەتچىلىكتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يەنە ھۆددە ئايروپىلانى ۋە ئورۇن ئېلىش مۇكاپات سىياسىتى، مەخسۇس پويىز مۇكاپات سىياسىتى، ئاپتوموبىل كوللېكتىپى ياردەم پۇلى سىياسىتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى، قار-مۇز تەتقىقات ساياھىتى مۇكاپات-تولۇقلىما سىياسىتى ۋە مېھمانساراي، يېمەك-ئىچمەك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئېتىبار كارتىسى تارقىتىش قاتارلىق سەككىز چوڭ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ قېتىمقى قىشلىق ساياھەتچىلىكتە ئېتىبار بېرىش تەدبىرىدە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى بىر قانچە چوڭ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى قار ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى، ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ۋە يېڭىلا ئېچىلغان قار تېيىلىشقا بولىدىغان خېمۇجېكېپۇلىنقار تېيىلىش مەيدانلىرى مۇناسىپ ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قىشلىق ساياھەت ئېتىبار بېرىش تەدبىرى 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ.

بۇ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىل ئۈچىنچى قېتىم ساياھەت ئېتىبار سىياسىتىنى ئېلان قىلىشى. بۇ يىل 5-ئايدا، ئالتاي ۋىلايىتى «ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ساياھىتى» يۈرۈشلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىي 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ 5 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ 9-ئايدا، ئالتاي ۋىلايىتى كۈز پەسىللىك ساياھەتچىلىكتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 8 مىليون 550 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، 4 مىليارد 550 مىليون يۈەن ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدى. «بىز ئەڭ گۈزەل مەنزىرە، ئەڭ يېڭى لىنىيە مەھسۇلاتى، ئەڭ چوڭ ئېتىبار سىياسىتى، مېھمان كۈتۈش قىزغىنلىقى بىلەن ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قارشى ئالىمىز» دېدى نيې پىڭ.