قۇم جىكبېلېڭ قار تېيىلىش مەيدانى ئېچىلدى

日期:2020年12月24日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى يەن خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، قاناس مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان جىكبېلېڭ قار تېيىلىش مەيدانى ئېچىۋېتىلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى بۇ ئۈلگىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جىكبېلېڭ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ قۇم كەنتى بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى مۇۋاپىق، قار مىقدارى كۆپ، قار پەسلى بالدۇر، قار يېغىش مەزگىلى ئۇزۇن، قار سۈپىتى ياخشى، قىش پەسلىدە شامال ئاز، بەدەن سېزىمى راھەت، مەنزىرە رايونىنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىن بولۇپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قار تېيىلىش مەيدانى ۋە قار-مۇز ئىستىراھەت بازىرىنى ئېچىش ۋە قۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. بۇ قار تېيىلىش مەيدانىنى پىلانلاپ قۇرۇش كۆلىمى 21.5 كىۋادرات كىلومېتىر، قار تېيىلىش يولى كۆلىمى 5.35 كىۋادرات كىلومېتىر، ئاسما ۋاگوننىڭ قار تېيىلىش رايونىنى قاپلىغان كۆلىمى 40 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئالتاي تېغى قار-مۇز ساياھىتى چوڭ رايونى پىلانىدىكى مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىنىدۇ. بۇ قار تېيىلىش مەيدانى پۈتۈنلەي قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىغا ئايلىنىدۇ.

پىلانغا ئاساسەن، بۇ قار تېيىلىش مەيدانىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاسما ۋاگوندىن سەككىزنى قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، سائەتلىك توشۇش كۈچى 25 مىڭ ئادەمگە يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-نومۇرلۇق ئاساسىي ئاسما ۋاگون قار تېيىلىش ئۈسكۈنىلىرى زالىدىن يولغا چىقىپ، تاغ ئومۇرتقىسىنى بويلاپ چوققىغا بىۋاسىتە چىقىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4739 مېتىر كېلىدىكەن، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئېگىزلىك پەرقى ئەڭ چوڭ قار تېيىلىش مەيدانى ئاسما ۋاگونىغا ئايلىنىدىكەن، قار ھەۋەسكارلىرى پەقەت 10 مىنۇتتىلا تاغ چوققىسىغا يېتىپ بارالايدىكەن.