كۈنەس ناھىيەسى نارا بۇلىقىنىڭ قىشتىكى ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسى

日期:2020年12月24日
来源:天山网
【字体:

 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان نارا بۇلىقى ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق بازىسىنىڭ مەنزىرىسى.

    تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلارجاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي خەۋىرى): شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى قېلىن قار قاپلىغاندا، كۈنەس ناھىيەسى ئالمىلىق بازىرىدىكى نارا بۇلىقى ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق بازىسىنىڭ مەنزىرىسى باشقىچە بولىدۇ. تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەندىن كېيىن، مىڭدىن ئارتۇق بۇلاق سۈيى توپلانغان نارا بۇلىقىنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن يۇقىرى 8-12 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ھەر كۈنى سەھەردە تۇمانلىق مەنزىرە شەكىللىنىدۇ. سەھەردىكى غۇۋا تۇماندا، نارا بۇلىقى ئاجايىپ بىر دۇنياغا ئايلىنىپ، ئېرىق بويلىرى، بۇلاق سۇلىرى، سۆگەتلەر ئۈستىگە مۇز دۆۋىلىنىپ قاشتېشى قوپۇرۇلۇپ، ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان دەرەخ سۆڭگىلىرى پەيدا بولىدۇ. قاتار-قاتار بېلىقلار خۇددى تۇمان ئىچىدە ئۈزۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.