شىنجاڭدىكى سەككىز مۇزېينىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

日期:2020年12月24日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ خەيفېڭ خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو مۇزېي جەمئىيىتى يېقىندا 4-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە مۇزېيلارنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەش، باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، شىنجاڭدىكى سەككىز مۇزېينىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە قومۇل شەھەرلىك مۇزېي، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېيىدىن ئىبارەت ئىككى مۇزېي دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك مۇزېي قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. قاراماي مۇزېيى، مورى مۇزېيى، ماناس ناھىيەلىك مۇزېيى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مۇزېيى، خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېيىنىڭ دەرىجىسى شەرەپلىك ھالدا دۆلەت 3-دەرىجىلىك مۇزېيغا ئۆستۈرۈلگەن. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قاراشلىق 359-لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىنىڭ دەرىجىسىمۇ دۆلەت 3-دەرىجىلىك مۇزېيغا ئۆستۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا تۈرلۈك مۇزېيلاردىن 92 سى بار بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، مۇزېي مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن.

دەرىجىسى يېڭىلا دۆلەت 3-دەرىجىلىك مۇزېيغا ئۆستۈرۈلگەن خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ يېڭى سارىيى بۇ يىل «ئۆكتەبىر» بايرىمى مەزگىلىدە ئېچىلدى. يېڭى ساراي بېيجىڭنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، تارىخ، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى ھېس قىلىشنى بىر گەۋدە قىلغان، ساراي ئېچىلىشى بىلەنلا ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان «ۋاڭخۇڭ داكا جاي»ىغا ئايلاندى. بۇ قېتىم دەرىجىسى دۆلەت 2-دەرىجىلىك مۇزېيغا ئۆستۈرۈلگەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېيىنىڭ يېڭى سارىيى 2017-يىلى 12-ئايدا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، جەمئىي 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىغان، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق رەقەملەشكەن كۆرگەزمە زالى ۋە كۈسەن غارلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرگەزگە زالى قاتارلىقلار نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. قومۇل شەھەرلىك مۇزېيى ئىلغار رەقەم تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، نەق مەيدان تۇيغۇسى كۈچلۈك «بۇلۇت تېرمىنالى كۆرگەزمە زالى» بەرپا قىلىپ، كىشىلەرگە ئۆيدىن چىقمايلا يان تېلېفون ۋە كومپيۇتېر ئارقىلىق «يېقىن ئارىلىق»تىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.