كۇچا شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى مۇقىم تەرەققىي قىلدى

日期:2020年12月24日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لۇڭجياڭ خەۋەر قىلىدۇ): «كۇچادىكى مەزگىلدە مەن تىيانشان سىرلىق جىلغىسى، قىزىلقاغا تۇرى، كۇچا ۋاڭ مەھكىمىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بارغاندىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ سىرلىق، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت پۇرىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى شەنشى شىئەنلىك ساياھەتچى جاڭ يەن خۇشال ھالدا.

كۇچا شەھىرى ساياھەت تەشۋىقاتى ۋە تىجارىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، «قەدىمىي كۈسەن، يىپەك يولىدىكى كۇچا» ساياھەت ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، گېزىت، تېلېۋىزىيە، رادىيو ۋە دوۋيىن، كۇەيشەن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كۇچانىڭ ساياھەت بايلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇردى. تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، كۇچا شەھىرى بارلىق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋەتتى.

كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى سو شەنۋۇ مۇنداق دېدى: «2021-يىلى، بىز مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، <مەدەنىيەت +>، <ساياھەت +> ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتى، كۆرگەزمە-ئويۇن ساياھىتى ۋە ھېس قىلىش ساياھىتىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كۈسەن مەدەنىيىتى خاسلىقىغا ئىگە يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سۇبيېكت، يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىمىز».