2020-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان شىنجاڭ قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى باركۆل ئوتلىقىنىڭ قىش مەنزىرىسى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر داۋۇت رىشات خەۋىرى، فوتوسى): قىش پەسلىدە، كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا، باركۆل ئوتلىقى كۈمۈش رەڭلىك لىباسقا ئورالغان بولۇپ، باركۆلنىڭ كۆل يۈزى مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇراتتى، بىپايان ئوتلاق، ئاپئاق قارلىق چوققىلار، قارىغايلار بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشقانىدى، پارچە-پارچە بۇلۇتلار ئاسماننى قاپلاپ، كىشىلەرگە ئاجايىپ ھۇزۇر بېغىشلايتتى.