12-ئاينىڭ 17-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى قايدۇ دەريا ۋادىسىنىڭ قىشلىق مەنزىرىسى.
شىنخۇا تورى تارقاتتى نئەن لېي فوتوسى
شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 12-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى (رۇستەم): قىش كىرگەندىن بۇيان قار يېغىپ، شىنجاڭ باغراش كۆلى نەپىس قار-مۇز دۇنياسىغا ئايلاندى. قاردىن كېيىن باغراش كۆلى بويى كۈمۈشتىن لىباس كىيىپ، ئاپئاق قار قايدۇ دەرياسى بىلەن گىرەلىشىپ چاقناپ، شىمالىي جۇڭگو مەنزىرىسىنى ئەكىس ئەتتۈردى.