دازۇ تاش ئويمىلىرى: قوغداش، تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئاكتىپلاشتۇرۇش

日期:2020年12月17日
来源:天山网
【字体:

خىزمەتچى خادىم باۋدىڭشەن «ۋوفو» تاش ئويمىلىرىنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا (12-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۇڭچىڭ دازۇ تاش ئويمىلىرى تەتقىقات يۇرتى دۇنيا مىراسى دازۇ تاش ئويمىلىرىغا بولغان قوغداپ پايدىلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قوغداش، تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈردى. تەتقىقات يۇرتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باۋدىڭشەن مىڭ قوللۇق شەپقەتچى مەبۇدە ھەيكىلىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش ۋە باۋدىڭشەن «ۋوفو» سۇ تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىش تۈرىنى يولغا قويغان ھەمدە خارابىلەر توپى دائىرىسىدىكى نىسبەتەن تارقاق ئوتتۇرا، كىچىك تاش غارلارنى قوغداش خىزمىتىنى نۇقتىلىق كۈچەيتكەن.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى

ساياھەتچىلەر دازۇ تاش ئويمىلىرى باۋدىڭشەن مىڭ قوللۇق شەپقەتچى مەبۇدە ھەيكىلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (12-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان).

دازۇ تاش ئويمىلىرى تەتقىقات يۇرتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆيىدە، خىزمەتچى خادىم تاش مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تازىلىماقتا (12-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان).

دازۇ تاش ئويمىلىرى تەتقىقات يۇرتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆيىدە، خىزمەتچى خادىم تاش مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىنىڭ رەڭدار نەقىشلىرىنى تېخىمۇ پۇختىلىماقتا (12-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان).

خىزمەتچى خادىملار خارابىلەر توپى دائىرىسىدە سىرتقا ئېچىلمىغان بۇددا تاش ئويمىلىرىنى ئۆلچەپ سىزىپ، خاتىرىلىمەكتە (12-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان).

ساياھەتچىلەر دازۇ تاش ئويمىلىرى مۇزېيىدا تىزىپ قويۇلغان تاش ئويما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەيكىلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (12-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان).