شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىگە جايلاشقان نارات مەنزىرە رايونىدا، قىش كۈنلىرى دائىم تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ قار ياغىدۇ، ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا، نارات يايلىقىدا تۇمان كۆتۈرۈلۈپ، گۈزەل مەنزىرە تۇمان ئىچىدە غۇۋا كۆرۈنۈپ، خۇددى غايىبانە مەنزىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
بۇ يىلقى نارات قىشلىق ساياھىتىدە، گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىغاندىن باشقا، يەنە ئات چانىسى، ئات مىنىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قارلىق دالىدىكى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىمۇ ساياھەتچىلەرگە مول تاماشا تۇيغۇسى بېرىدۇ.
(مۇخبىر جاڭ ۋېنتىڭ خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ خىزمەت ئورنى: كۈنەس ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىندى