شىنجاڭدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت ئۇسۇلى بارلىققا كەلدى

日期:2020年12月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئالەي، شالقار بولات خەۋىرى، فوتوسى): ۋاقىت تونېلى، قار-مۇز باغچىسى قار ئۈستى تۈرى... بۇ يىل قىشتا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قار-مۇز ساياھىتىدە كۆپ خىل يېڭى ئويناش ئۇسۇلى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى مەھسۇلاتلار بارلىققا كېلىپ، ساياھەتچىلەرگە قار-مۇز ساياھىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇردى.

يېڭى تۈرلەر يېڭىچە ئويناش ئۇسۇلىنى ئېلىپ كەلدى

12-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ قېيىنلىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قار-مۇز باغچىسىدىكى قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ساياھەتچىلەرنى قانغۇچە ئويناشقا جەلپ قىلدى.

ئالتاي شەھىرىنىڭ قېيىنلىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قار-مۇز باغچىسىدا، قارلىق تەۋرەنمە توپ، مۇز ئۈستىدە ۋېلىسىپىت مىنىش ئويۇنى قاتارلىق تۈرلەر بار.

ئالتاي شەھىرىنىڭ قېيىنلىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قار-مۇز باغچىسى ئالتاي شەھىرىقېيىنلىق باغچىسى بۇ يىل قىشتا بەرپا قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى قار-مۇز باغچىسى بولۇپ، 12-ئاينىڭ 6-كۈنى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن، «قار-مۇز ئويۇنى» باش تېما قىلىنغان. قارلىق دالاقار تېيىلىش چەمبىرىكى قېيىنلىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قار-مۇز باغچىسىدىكى ئاۋات تۈرلەرنىڭ بىرى، بۇ يىل ئالتە ياشقا كىرگەن دۇڭ رۇيى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئاپام بىلەن قار تېيىلىش چەمبىرىكىئوينىغىلى كەلدىم، بەك خۇشال بولدۇم، بۇ يەردە نۇرغۇن كىچىك دوستلار بار ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرگە دائىم كېلىپ ئوينايمەن.»

12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى شيەنلەي بازىرىدىكى ئەڭ يېڭى ۋاڭخۇڭ داكا نۇقتىسىتۈرى «ۋاقىت تونېلى»دا ئاخىرقى تەڭشەش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە.

ۋاقىت تونېلى.

ئىگىلىنىشىچە، «ۋاقىت تونېلى» بىر خىل يېڭىدىن گۈللەنگەن كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بولۇپ، پولات قۇرۇلما، LED ئېكرانى قاتارلىقلار ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنغان، مېخانىكىلىق ئەسۋابلار سەپلەنمىگەن. ساياھەتچىلەر «ۋاقىت تونېلى»غا كىرگەندە مۇزىكىغا ئەگىشىپ، نۆل ئارىلىق، چۆكمە شەكىلدىكى بىپايان يۇلتۇزلۇق ئاسمان، دېڭىز ئاستى دۇنياسى، تۆت پەسىل مەنزىرىسى قاتارلىق كۆپ خىل مەنزىرىلەرنى ھېس قىلالايدىكەن.

دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش

كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئاسما ۋاگوننى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى.

«بۇ يىل بىز ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئۈچ ئاسما ۋاگون ئورۇنلاشتۇرۇپ، قار مەيدانىنىڭ توشۇش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە قولايلىق ياراتتۇق» دېدى بۇ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ باش دىرېكتورى تيەن دېگو،بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلىش باشلانغاندىن بۇيان، كۈنىگە 200دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.

قۇم كەنتىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى تۈرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل قىشتا قاناس يەنە قار-مۇز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، چەكسىز ئورمان، قارلىق دالىدىن كېسىپ ئۆتۈش لىنىيەسى، ئىنتايىن گۈزەل مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش لىنىيەسى، چاقناپ تۇرغان سامانيولى سىستىمىسىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش لىنىيەسىدىن ئىبارەت تۆت ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەنزىرە رايونى يەنە قىشلىق فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، قار-مۇز شادلىق بايرىمى، ئىجادىي قار ئويما مۇسابىقىسى، قاناس كۆلى قار-مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قاتارلىق 10 تۈرلۈك ئاساسىي تېما پائالىيىتىنى يولغا قويدى.

بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدىكى قار تېيىلىش باغچىسى.