شىنجاڭ چاپچال: تىك قىيادىكى قىزىل قاناتلىق ئالا تورغايلار

日期:2020年12月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چوڭ بۇغرا بازىرى سودۇن بۇلاق كەنتىدىكى ھېقىق جىلغىسىدا، قىزىل قاناتلىق تورغايلارنىڭ قىيا تاشتا تۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتتى.

قىزىل قاناتلىق ئالا تورغاي تېنى سەل كىچىك، دەرەختە ياشىمايدىغان، ئېگىز تاغلىق تاغ قۇشى بولۇپ، قۇيرۇقى قىسقا، تۇمشۇقى ئۇزۇن، دائىم قىيا تاش، تىك قىيالارغا يامىشىپ چىقىدۇ، ئىككى قانىتى يېنىك يېيىلغاندا قىزىل رەڭلىك قانات داغلىرى كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ بەدىنى ئەپچىل بولۇپ، پەرۋاز قىلغاندا كېپىنەككە ئوخشايدۇ، ئۇ يەنە «تىك قىيادىكى كېپىنەك قۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.