شىنجاڭ تولى: كۈلرەڭ تاغ بۆدۈنىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ئىزدىشى

日期:2020年12月10日
来源:天山网
【字体:

 تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسىدىكى فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى چۆللۈكتە كۈلرەڭ تاغ بۆدۈنىسىنىڭ توپ-توپ بولۇپ ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان چۆللۈكتە ياتقانلىقىنى، بەزىدە بېشىنى قار دۆۋىسىگە تىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدىسە، بەزىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ يىراقلارغا قارىغان ئوماق ھالىتىنى كۆردى.

كۈلرەڭ تاغ بۆدۈنىسى بىر خىل ئوتتۇراھال بەدەن تىپىدىكى بۆدۈنە بولۇپ، شوخ، يۈگۈرۈشكە ۋە يوشۇرۇنۇشقا ماھىر، تېز ھەمدە تۈز سىزىق بويىچە ئۇچىدۇ، لېكىن ئادەتتە يىراققا ئۇچمايلا يەردىكى ئوت-چۆپلەر ياكى چاتقاللىقلارغا قونىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ۋە چاتقاللارنىڭ يۇمران شاخلىرى، يۇمران يوپۇرماقلىرى، بىخى، گۈلى، مېۋىسى، ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە پەقەت شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپلىرىغا تارقالغان بولۇپ، كۆپ ئۇچرىمايدۇ. چاڭ ديەنشۆ فوتوسى