ئالتاي شەھىرى سىزنى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ داكا قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ

日期:2020年12月07日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى، ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن گۇلايزا خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئالتاي شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى ئېچىلغان تۇنجى كۈن، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر بۇ جاينىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، شىنجاڭ نان مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

ئالتاي شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى بۇ شەھەرنىڭ ۋۇجىچۈەن يولى كېلەن مەھەللىسىنىڭ يەر ئاستى1-قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2800 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇ تۈرگە 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، ئاساسلىقى نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە رايونى، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش رايونى، بالىلار ھېس قىلىش رايونى، مەھسۇلات سېتىش رايونى، ئېلېكتىرونلۇق سودا رايونى، تېتىپ كۆرۈش رايونى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كەسىپلەر باغچىسىدا توك، گاز قوش پايدىلىنىشچان يېڭى تىپتىكى مۇھىت ئاسراش تونۇرىدىن 45ى بار بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن 20 مىڭ دانە نان يېقىلىدۇ.

ئالتاي شەھىرى ئاھالىسى لى گولۇمۇنداق دېدى: «نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ قۇرۇلغىنىنا ھايىتى ياخشى بولدى، بۇ يەردە ھەم نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېقىلىش جەريانىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، ھەم نان مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدىكەنمىز، بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلەمدىكىلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ داكا قىلىمەن».

ئالتاي شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ شياۋمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىن پايدىلىنىپ، ‹تەيخاۋچى›ئالاھىدە ماركىسىنى ياراتتۇق. ناننى كۆرگەزمە قىلىش، سېتىشتىن باشقا، يەنە شەھەر ئىچى-سىرتىدىكى ھەر خىل ئۆزگىچە تائاملار ۋە مول يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىر يەرگە توپلىدۇق. نان مەدەنىيىتى كەسپلەر باغچىسى كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرۈش كۆزنىكىگە ئايلىنىپلا قالماي، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك يول بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تۆت پەسىلدە ساياھەت قىلىدىغان، ئېكسكۇرسىيە قىلىپ داكا قىلىدىغان ياخشى جايىغا ئايلاندى».