كۆكتوقاي يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، قىشلىق ساياھەت بازىرىغا كۈچ قوشتى

日期:2020年12月07日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار ساۋ خۇا، جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ چى فوتوسى،خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 10دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، 190 ساياھەتچى ئولتۇرغان Y935/8 قېتىملىق ساياھەت پويىزى كۆكتوقاي ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ، كۆكتوقاينىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى بىر كۈنلۈك ساياھەت مۇساپىسىنى باشلىدى، ساياھەتچىلەر كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلالايدۇ. شۇ كۈنى ئالتايدىن كۆكتوقايغىچە بولغان تۆمۈريولدا قاتناش باشلىنىپ، كۆكتوقاي ناھىيەسىدە يولۇچىلار پويىزى قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.

ئالتايدىن كۆكتوقايغا قاتنىغان تۇنجى نۆۋەتلىك نۆۋەتچى پويىزدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان شوپۇر جاۋ خۇي بۇ بۆلەكتىكى يول ئەھۋالىدىن ئىنتايىن رازى بولدى، شۇنداقلا بېرىپ-كېلىش سەپىرىدىكى بۇ بۆلەك يولدا يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدى.

ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ۋوگزالغا بالدۇرلا چىققان كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى جاڭ سۇخۇڭ ھاياجىنىنى باسالماي قالدى. «بۈگۈن كۆكتوقاي ناھىيەسى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن،بىز ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپلا قالماي،يەنە ئۇزاقتىن بۇيانقى تۆمۈريول قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردۇق. ھازىر، كۆكتوقاي ناھىيەسىدە تۆمۈريول، تاشيول،ئاۋىياتسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قاتناش بارلىققا كەلدى، ئۈرۈمچىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ بىر ئاخشام ماڭسا كۆكتوقايغا بارغىلى بولىدۇ، تاشيولدا تۆت يېرىم سائەتتە، ئايروپىلاندا بولسا بىر سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ئىستېرېئولۇق قاتناش كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ، بولۇپمۇ ساياھەت كەسپى زور تەرەققىياتنى كۈتۈۋالىدۇ» دېدى سۇخۇڭ.

ساياھەتچىلەر پويىز ئىستانسىسى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

«بىز ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريول لىنىيەسىنى لايىھەلىگەندە، تۆمۈريولنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەسىلىسىنى تولۇق نەزەردە تۇتتۇق، شۇڭا ئالتاي-كۆكتوقاي بۆلىكى لىنىيەسىدە ئالتاي تېغى ‹مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى›غا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، يولۇچىلار پويىزدا ئورمان، ئوتلاق، دەريا قاتارلىق مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، تۆمۈريولنى ساياھەت يولىغا ئايلاندۇردى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول 1-ئاكادېمىيەسى گۇرۇھى شىنجاڭ تۆمۈريول چارلاش-لايىھەلەش يۇرتى لىنىيە تىرانسپورت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خاۋ بو.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، جەنۇبىي قىسىمدىكى قارامايلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ياۋايى ھايۋانلار، سىلىتسىيلاشقان ياغاچ، ۋۇسەيچېڭ، تامچا بۇلاق قاتارلىقلار بار ئىكەن؛ شىمالىي قىسمىدا ئېگىز تاغ كۆللىرى، ئارىشاڭ، قىيا تاش سىزمىلىرى، تاش ئويما قاتارلىقلار بار ئىكەن. شىنجاڭدىكى 3-ئورۇندىكى دۆلەت دەرىجىلىك گېئولوگىيە باغچىسى كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق كان تومۇرى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن تەبىئىي «مىنېراللار كۆرگەزمىخانىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.