شىنجاڭ ياخشى جاي丨 شىنجاڭ كۆكتوقاي: قار-مۇز بايلىقىغا تايىنىپ، «تۆت پەسىلگە ماس كېلىدىغان» ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش

日期:2020年12月04日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار لى مېڭتىڭ، ئايدوس، لى پىڭ خەۋىرى): يېقىندا، شىنجاڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بۇ يەردە ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتتىن ھۇزۇرلاندى.

ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى شىنجاڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، كۆكتوقاي بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 18 كىلومېتىر كېلىدۇ، تاغنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3100 مېتىر، قار يولى رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1900 مېتىر، تاغ گەۋدىسىنىڭ ۋېرتىكال چۈشۈش پەرقى 1200 مېتىر بولۇپ، دەسلەپكى، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك قار تېيىلىش يولى ياسالغان.

ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ باش دىرېكتورى تيەن دېگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل قار مەيدانىدا جەمئىي ئۈچ ئاسما ۋاگون ياسىلىپ، قار مەيدانىنىڭ ئومۇمىي يۈرۈشۈش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى، ساياھەتچىلىكتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى جەھەتتە، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قارىتا، قار مەيدانى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان مېھمانسارايغا ئورۇنلاشقانلار، دەسلەپكى قار تېيىلىش يولىدا بىر كۈن ھەقسىز قار تېيىلالايدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دوختۇر-سېسترالار تېببىي خىزمەت كىنىشكىسى بىلەن، قار مەيدانىدا ھەقسىز قار تېيىلسا ياكى ئاسما ۋاگوندا سەيلە قىلسا بولىدۇ.

گۇاڭدۇڭلۇق چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى ئوۋ ياڭچاۋ مۇنداق دېدى:«بۇ يەرنىڭ قار ئەھۋالى، قار سۈپىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، يەنە تېخى ياۋا قارلاردا تېيىلغىلى بولىدىكەن، ماڭا ناھايىتى ياخشى چاڭغا تېيىلىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى، ئەگەر دوستلۇرۇم مەندىن چاڭغا تېيىلىشتا قەيەرگە بېرىشنى سورىسا، مەن بۇ يەرنى ئاۋۋال تەۋسىيە قىلىمەن».

«قار-مۇز +» ساياھەت تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئەگىشىش ئۈچۈن، كۆكتوقاي ناھىيەسى يەنە شۇ جايدىكى قولدا ياساش تېخنىكىسى بىرقەدەر ياخشى كەنت ئاھالىلىرىنى يىغىپ، خاس قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ئىشلەش شىركىتى قۇرۇپ، بىر قاتار مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇرلاپ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

كۆكتوقاي ناھىيەسى تېمېكى يېزىسى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى غولان تۆلەۋقان مۇنداق دېدى: ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىنى تاپتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە، مەنزىرە قىياپىتى ۋە رايون ئادىمىيەت خاسلىقىغا تايىنىپ، قار-مۇز ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، تۆت پەسىللىك ساياھەت كەسىپ ھالىتى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، قار-مۇز ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، تىرىشىپ كۆكتوقاي ناھىيەسىنى «تۆت پەسىلگە ماس كېلىدىغان» ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.