شىنجاڭ ئىلى: كۈزدە ئارشاڭ، قىشتا قار، چېگرا رايوندىكى مەرۋايىت نىلقا

日期:2020年12月01日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭغا بارماي تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ؛ ئىلىغا بارماي تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قانچىلىك گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ؛ نىلقىغا بارماي تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورىنىڭ قانچىلىك ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.

نىلقا ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمال قىسمى، ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، جۇڭتيەن سەنشى بۆلىكىدىكى قاش دەرياسى ۋادىسى بەلبېغىغا جايلاشقان، ناھىيە تەۋەسىدە دەريا، مۇزلۇق، ئارشاڭ ۋە كۆپلىگەن ئېگىز تاغ تەبىئىي كۆلى بار. سۈرەتتە، ئەگرى-بۈگرى ئېقىۋاتقان مېڭكېتې ئارىشىڭى.

تاڭبۇلا يايلىقىدا ئوتلاقلار بىپايان، دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن، قارلىق تاغ شەمشادى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئېگىز تاغدىكى ئاق بۇلۇتلار بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ تۇرىدۇ. قېلىن قاردىن كېيىن، بۇ جاي بىر پارچە ئاق لىباسقا ئورالدى.

تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسىنى تەستە كۆرگىلى بولىدۇ، ھەم تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولىشى، ھەم نەملىكى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. نىلقىدا بولسا، تەبىئەت قىلچە پىخسىقلىق قىلمايدۇ.

مېڭكېتې تاغ جىلغىسى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىز بولۇپ، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، ئۆزگىچە مۇزلۇق مەنزىرىسىگە ئىگە.

سۈرەتتە: نىلقا مېڭكېتې ئارشىڭى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى ئەۋزەل ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھىتى يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، بارغانسېرى كۆپ ساياھەت دارېنلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. سۈرەتتە، قېلىن قاردىن كېيىن، قېلىن قار بىلەن قاپلانغان نىلقىنىڭ سىمېي ئۆي ئاپتوموبىل كىچىك بازىرى.

قارا ھەرە جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ قوغدىلىدىغان ھەرىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، ئۇ يىغقان ھەسەل تاتلىق بولسىمۇ كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، خۇشبۇي پۇرايدۇ، نىلقا ناھىيەسىمۇ شۇ سەۋەبتىن «ھەسەل ھەرىسى مەركىزى» دەپ نام ئالغان. سۈرەتتە: نىلقا تىيانشان قارا ھەرە قورۇقى.

ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى