رەڭدار كۈزدىن كۈمۈش تونغا ئورانغان قىش پەسلىگىچە

日期:2020年11月30日
来源:天山网
【字体:

كۇچا شەھىرى تارىم يېزىسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى (10-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). نىياز راخمان فوتوسى

ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا (10-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). لى فېي فوتوسى

خوتەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىق سۈرەتتەك رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى (11-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). ئادىل نادىر فوتوسى

توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ يايلاق كۆچمەكتە (10-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). لەي يۈنىڭ فوتوسى

تىيانشاندا قىش(11-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). لەي يۈنىڭ فوتوسى

قىش كىرگەندىن بۇيان ياغقان تۇنجى قار سايرام كۆلىنى خۇددى سىياھ رەسىمگە ئوخشىتىپ قويغانىدى (11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى

باش قىشتىكى قاناس مەنزىرە رايونىدىكى يۆلياڭۋەن (11-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). دېڭ گاڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن جياڭ): شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى ھەرۋاقىت كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلماي قالمايدۇ. باش قىشتا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توغراقلىق ئالتۇن رەڭگە كىرگەن بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ تۇنجى قاردىن كېيىن خۇددى رەسىمگە ئوخشاش جىمجىتلىققا چۆمگەنىدى.

ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ شىمالى گىرۋىكىدىن كەلگەن سوغۇق شامال قاتمۇقات تىيانشاندىن ھالقىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىنى يەلپۈپ ئۆتكەندە، تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراقلىق بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭگۈزەل پەيتنى كۈتۈۋالدى، زۇمرەتتەك سۇ، قىزىل يوپۇرماق، سېرىق قۇم، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ چىقسا، ئېتىزلاردىكى كۈزلۈك ھوسۇل شادلىقى كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇردى.

شىمالىي شىنجاڭ كۈمۈش تونغا ئەڭ ئاۋۋال ئورانغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يەنە بىر خىل گۈزەللىكىنى نامايان قىلغانىدى. چارۋا يولىدا، چارۋىچىلار ئات مىنىپ، قامچىسىنى ئوينىتىپ، قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا ھەرىكەتچان گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى؛ سايرام كۆلى ۋە قاناسنىڭ ئىلگىرىكى ئاۋاتلىقى، رەڭدارلىقى قار بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ نامايان بولغانىدى.

رەڭدار شىنجاڭدىكى ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان يېڭى ھېكايىلەر بار.