ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلار▏ چېن بىن: «گۈزەل ماكان» قاناسنى ياخشى قوغدايمەن

日期:2020年11月27日
来源:天山网
【字体:

قاناس مەنزىرە رايونى شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئالتاي تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسى باشتىن-ئاخىر ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ كەلگەچكە، «گۈزەل ماكان» دەپ تەرپلىنىپ، ھەريىل نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. مەنزىرە رايونىنىڭ مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى قاناس چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى قاناس چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى چېن بىن ھەر كۈنى خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ مەنزىرە رايونىنى ھەرتەرەپلىمە چارلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ساياھەتچىلەرنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

چېن بىن (سولدىن 1-كىشى) ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى، چېگرا قوغدىغۇچىلارنى باشلاپ چېگرانى تەكشۈرمەكتە.

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، قاناس مەنزىرە رايونىغا ساياھەت قىلغىلى كەلگەن سىچۇەنلىك ساياھەتچى شۈ خانىم ئېھتىياتسىزلىقتىن يان تېلېفونىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، چېن بىن دەرھال چارلاۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنى ياردەملىشىپ ئىزدەشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، تۆت سائەت تىرىشىش ئارقىلىق، يان تېلېفون ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. يوقاپ كېتىپ تېپىلغان يان تېلېفونىنى كۆرۈپ، شۈ خانىم ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىدۇ، ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەرمۇ بەس-بەستە ئۇلارغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ: «چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ مۇلازىمىتى جايىدا بولدى، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئادەملىرى تېخىمۇ گۈزەلكەن».

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، چېن بىن شۈ خانىمدىن كەلگەن رەھمەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى، چېن بىن مۇنداق جاۋاب قايتۇرىدۇ: «سىلەرنىڭ بۇ يەردە خۇشال-خۇرام ئوينىغىنىڭلار، ماڭا ئەڭ ياخشى رەھمەت ئېيتقىنىڭلار».

چېن بىن قاراشلىق رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى دەرسكە ئۇزىتىپ قويماقتا.

مەنزىرە رايوندىكى چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈش مەزگىلىدە، چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، چېن بىن ھەر كۈنى ئەترەتنى باشلاپ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش، قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. «چارۋىچىلار نىسبەتەن تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بىز ھەربىر چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ ئۆيىگە تولۇق بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەزىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈچ سائەتلەردە ئاران چارۋىچىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ باراتتۇق، بەزى جايلاردىن ئاپتوموبىل ئۆتەلمىگەچكە، پىيادە مېڭىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. گەرچە سەل جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما چارۋىچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلالىساقلا، بىز شۇنىڭدىن تەسەللىي تاپىمىز» دېدى چېن بىن.

چېن بىن (سولدىن 1-كىشى) بايرام مەزگىلىدە قاراشلىق رايوندىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۆيىگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

خىزمەتتە، چېن بىن خەلق ساقچىلىرىغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. قاناستا ھەر يىلى قار يېغىش مەزگىلى سەككىز ئايغا سوزۇلىدىغان بولۇپ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى بەك چوڭ، چېن بىن ھەمىشە قار-بورانلىق كۈنلەردە كۆپچىلىككە زەنجىۋىل شورپىسى تەييارلاپ قويىدۇ، پىژغىرىم ئىسسىقتا يەنە كۆپچىلىككە يېشىل ماش شورپىسى ۋە تاۋۇز تەييارلاپ قويىدۇ. «پاختىلىق كىيىمنى كەيدىمۇ يوق، ئۆيىدە يېقىندا نېمە قىيىنچىلىق بار..... بۇلار چېن بىن ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان گەپلەر» دېدى خەلق ساقچىسى جاڭ كەيچياڭ، ئۇلار ھەممىسى چېن بىننى «ئەستايىدىل ياخشى ئاكىمىز» دەپ ماختايدۇ.

«نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ تاغ، بۇ كۆلنى ھامان قوغدايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك، پەقەت ۋەتەن ئېھتىياجلىق بولسىلا، مەن ئىزچىل ساقلايمەن، ئەترەتكە ياخشى باشچىلىق قىلىپ، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئالىمەن» دېدى چېن بىن.

  (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى)

  شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى