شىنجاڭ مورى ناھىيەسى: قاردىن كېيىنكى تاغلىق كەنتنىڭ مەنزىرىسى

日期:2020年11月27日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: باش قىشتىكى شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاۋبىسەن يېزىسى پىڭدىڭسەن كەنتىدە ئۇدا ياغقان قار زېمىننى كۈمۈش رەڭگە كىرگۈزدى، قارىغايزارلىق، تاغ تىزمىسى، كەڭ زېمىننى قار قاپلاپ، ئەتراپ جىمجىت ھەم گۈزەل تۈسكە كىردى.

تاغ باغرىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلىغاندا، تۇتاش كەتكەن قارىغايلىق، قارلىق چوققىلار نۇر چېچىپ تۇراتتى، قوي پادىلىرى بىپايان دالىدا ئوزۇق ئىزدەۋاتاتتى، تىنچ ھەم يېقىملىق بۇ مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

پىڭدىڭسەن كەنتىنىڭ مورى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 15 كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرقتە جاۋبىسەن تېغى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، جەنۇبتا لىگېڭشيا چارۋىچىلىق مەيدانى بىلەن تۇتىشىدۇ، پىڭدىڭسەن تېغىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، يازدا تاغ چوققىسىدا سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر مول، مۇنبەت ئېتىزلار گىرەلىشىپ كەتكەن، قىشتا تەكشى تاغ چوققىسى قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جاۋبىسەن يېزىسى پىڭدىڭسەن كەنتىدە، يىراقتىن تىيانشاننى، يېقىندا قارلىق دالىنى كۆرگىلى بولىدۇ. (لى رۇيشەن فوتوسى)

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جاۋبىسەن يېزىسى پىڭدىڭسەن كەنتىدىكى دالىدا ئوتلاپ يۈرگەن قوي پادىلىرى. (لى رۇيشەن فوتوسى)

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جاۋبىسەن يېزىسى پىڭدىڭسەن كەنتىدىكى چارۋىچىلار قوي پادىلىرىنى ھەيدىمەكتە. (لى رۇيشەن فوتوسى)

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جاۋبىسەن يېزىسى پىڭدىڭسەن كەنتىدىكى دالىدا ئوتلاۋاتقان قوي پادىلىرى. (لى رۇيشەن فوتوسى)