2020-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت-سودا يەرمەنكىسى باشلاندى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى

日期:2020年11月19日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2020-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت-سودا يەرمەنكىسى شاڭخەي يېڭى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، شىنجاڭدىكى توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 18 كارخانا، 11 ساياھەت كوپىراتىپى كۆرگەزمىگە قاتناشتى، شىنجاڭنىڭ مول قىشلىق ساياھەت بايلىقى مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس ساياھەت تاۋارلىرى نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى.

سودا يەرمەنكىسى باشلانغان كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «شىنجاڭ ياخشى جاي» قار-مۇز ساياھىتى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئوتتەك قۇياشتا قارغا نەزەر سېلىش، ئۈرۈمچى» قىشلىق ساياھەت ماركىسى ۋە لىنىيەلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تونۇشتۇردى؛ ئالتاي ۋىلايىتى ئىنسانلار قار تېيىلىش مەنبەسى ۋە كۆپ خىل قار-مۇز ساياھىتى ئويۇنلىرىنى تونۇشتۇردى؛ قاراماي «قارا نېفىت» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرىنى ئېلىپ كەلدى؛ خوتەننىڭ «بەشيۇلتۇز شەرقتىن چىقتى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارمۇ كەڭ ساياھەتچىلەر ۋە ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«بىز چىڭخەي بىلەن شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر يېڭى قىشلىق لىنىيە ئېچىشنى ئويلاۋاتىمىز، بولۇپمۇ ھازىر شىنجاڭنىڭ قاناس، قۇم قاتارلىقلارغا بىزنىڭ يەرلىك ساياھەتچىلەر بەك قىزىقىدۇ، تېخى بايىلا شىنجاڭنىڭ كەسپىي ساھەدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن پىكىرلىشىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ھەمكارلىق مۇددىئاسى ھاسىل قىلدۇق» دېدى چىڭخەي يۇڭئەن خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ خۇڭمېي.

2020-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت-سودا يەرمەنكىسى شاڭخەي يېڭى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، شىنجاڭدىكى توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 18 كارخانا، 11 ساياھەت كوپىراتىپى كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىنجاڭنىڭ نەچچە ئون خىل خاس ساياھەت–مەدەنىيەت ئىجادىيىتى تاۋارلىرى نامايان بولدى. «بىز يەتتە خىل ئالقات مەھسۇلاتىنى ئېلىپ كەلدۇق. مەھسۇلات ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، سېتىلمىسا بىكار، كۆرگەزمىگە قاتنىشىش مەھسۇلاتنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئەڭ تېز يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى شەكىل، ھازىر شاڭخەيدىكى سېتىۋېلىش سودىگىرى بىز بىلەن سېتىۋېلىش توغرىسىدا كېڭەشتى» دېدى جىڭ ناھىيە تىيانشان مېۋىچىلىك، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش دىرېكتورى لياڭ جۇڭچى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)