يۈرۈڭ، گۈزەل مەنزىرە قوينىدا بىللە مېڭىپ كېلەيلى

日期:2020年11月17日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ئۈرۈمچى شەھىرى شياۋلۈگۇ باغچىسىدا پىيادە ماڭماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ساياھەتچىلەر قاناستا پىيادە ماڭماقتا (10-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا سايلە قىلماقتا (10-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). لى فېي فوتوسى

شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا پىيادە ماڭماقتا (10-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى لى): ھازىر شىمالىي شىنجاڭدا باش قىش، جەنۇبىي شىنجاڭدا يەنىلا كەچ كۈز داۋاملاشماقتا. بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدا، ئورمان، يايلاق، دەريا، كۆل، قۇملۇق، جىلغىلاردە ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىلەر نامايان بولدى. يازنىڭ تومۇز ئىسسىقى كەتتى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلىقتا قۇياش نۇرى ناھايىتى ياخشى چۈشۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ كىشى شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ پىيادە مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە بىلەن ئۇچرىشىش

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان، فۇكاڭ شەھەر رايونىغا 12 كىلومېتىر كېلىدۇ. تىيانشان بوغدا كۆلى خۇددى بىر ئەينەك، توپ-توپ چوققىلار ئارىسىغا قويۇپ قويۇلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مەيىن شامال، سۇس بۇلۇتلار، زۇمرەتتەك سۇلار، مۇزلۇق چوققا، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار كۆل يۈزىدە ئەكس ئېتىپ، بىر گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن ساياھەتچى پىيادە چيەنلۇڭيۈەنگە بېرىپ، ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ پەلەمپەي بىلەن يۇقىرىغا چىقىپ، قويۇق قارىغايلىقنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. يەنە بىر قىسىم ساياھەتچىلەر ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان كۆل ئايلانما يولىدا سەيلە قىلىپ، 360 گىرادۇسلۇق پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك بوغدا كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ خاتىرە قالدۇرىدۇ.

تىيانشان بوغدا كۆلى بىلەن ئوخشاش دۇنياۋى تەبىئىي مىراس جايى بولغان قاراجون خەلقئارا ئېكولوگىيە ساياھەت رايونى ئىلى دەرياسى ۋادىسى تېكەس ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، غەربىي تىيانشاندىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا ئۆتىدىغان ئۆتكۈنچى جاي. پۈتۈن يايلاقتىكى ئېگىز-پەس جىلغىلار ئادەم بەدىنىدىكى ئەگرى-بۈگرى سىزىقلارغا ئوخشاش بولغاچقا «ئادەم بەدىنىگە ئوخشايدىغان يايلاق» دەپ ئاتىلىپ، سانسىزلىغان ساياھەتچى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىدۇ. نەچچە ئون كىلومېتىرلىق ياغاچ ئاسما يول پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرىنى رەسىم قوينىدا ماڭغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. قاراجون يايلىقىدىكى ياغاچ ئاسما يولدا سەيلە قىلغاندا، نەزەر دائىرىڭىز چەكسىز كەتكەن دالىدىكى سېرىق رەڭدىكى ئوت-چۆپلەر، بىپايان دالا ھەم تىنچ تەبىئەتتىن ھۇزۇر ئالىدۇ.

قاناس مەنزىرە رايونى شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئالتاي تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان، تەبىئىي ئېكولوگىيە مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسى باشتىن-ئاخىر ئەسلىدىكى قىياپىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، «كىشىلەر ئارىسىدىكى پاكىز زېمىن» دەپ تەرىپلىنىدۇ. قاناس كۆلى ئىلگىرى «جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كۆل» دەپ باھالانغان. قاناس كۆلى بويىدا ئايلانما ياغاچ ئاسما يول بار بولۇپ، بۇ يولدا مەخسۇس ساياھەتچىلەر پىيادە مېڭىپ سەيلە-ساياھەت قىلىدۇ، قاناس دەرياسىنى بويلاپ ماڭغاندا تەرتىپ بويىچە شېنسەن قولتۇقى، يۆلياڭ قولتۇقى ۋە ۋولۇڭ قولتۇقى ئۇچرايدىغان بولۇپ، قاناسنىڭ ئېسىل مەنزىرە نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەممىسى ياغاچ ئاسما يول بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ يەردە پىيادە مېڭىش، كىشىدە خۇددى يۆگىمە رەسىمگە قوينىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. قاناس دەرياسى تاغ جىلغىلىرىدىن ئەگرى ـ بۈگرى ئېقىپ ئۆتۈپ، سۇس تۇمان تاغ ئارىسىدا ئەگىپ يۈرۈپ، تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل مەنزىرە نامايان بولىدۇ.

خۇڭشىلىن مەنزىرە رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى قىزىل يېزىسى بىلەن خېييىڭشەن يېزىسى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، رەڭگى قوڭۇر قىزىل ۋە زەنجىۋېل سېرىق رەڭنى ئاساس قىلىدۇ، مىليون يىللاردىن بۇيانقى ئۇپراش، شامال يالاش ۋە ئېقىن سۇنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن، گىرەلىشىپ كەتكەن جىلغا ۋە لىم قىرى، پەلەمپەي يەر، يەككە ئېدىرلىقلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 50 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن بولۇپ، خۇددى ئەپسانىۋى دۇنيادىكى قەلئە ۋە سىرلىق ئوردىغا ئوخشايدۇ. مەنزىرە رايونىدىكى ياغاچ ئاسما يول يەر شەكلى بويىچە ياسالغان بولۇپ، ئاجايىپ تاش ئورمانلار ئارىسىدا ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغان، ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپتىكى ئاجايىپ مەنزىرىگە قارىغاندا، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ سىرلىق ھۈنىرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

بەدەن چېنىقتۇرۇپ يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئادەت پىيادە مېڭىش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسى سىجىل ئۆستى. «ساياھەت + چېنىقىش»نىڭ گۈللىنىشى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى نۇرغۇن داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى بەس ـ بەستە پىيادە مېڭىش ياساشقا مەجبۇر قىلدى. ساياھەتچىلەر سەيلە قىلىش ئارقىلىق گۈزەل مەنزىرىلەردىن، ئادىمىيەت تارىخىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس، تىيانشان ئېتىكىدىكى بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونىدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خارابىلىك شياكوۋ قەدىمىي شەھىرى بار، ساياھەتچىلەر تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەقلىد قىلىنغان شەھەر قوۋۇقى ئۈستىدە تۇرۇپ، بوغدا قارلىق چوققىسىنى يىراقتىن كۆرەلەيدۇ؛ سۇلۇق يەر باغچىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان پىيادىلەر يولىدا ماڭسىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە ۋاڭ لوبىڭ مۇزىكا سەنئەت سارىيى، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەممىسى پىيادە ماڭغۇچىلار تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇ يەر ئىزچىل ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى ياخشى كۆرىدىغان پىيادە مېڭىش ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ كەلمەكتە.

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يىپەك يولىدىكى خوراتاغ مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر پىيادە مېڭىش يولىنى بويلاپ، داچۈەنگۇ جىلغىسى، شياۋچۈەنگۇ جىلغىسى، ئېگىز تاغ جىلغىسى، تەبىئىي ئورمانلىق، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، چارۋىچىلىق مەيدانى ھەم تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىي ئاسار ئەتىقىلەر قاتارلىق نۇرغۇن جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ساياھەت قىلسا بولىدۇ.

مۇشۇ پەيىتتە تۇرپان يەنىلا شۇ قەدەر ئىللىق ئىدى. ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ، يارغول قەدىمىي شەھىرىنى ساياھەت قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭلىق ساياھەتچى خې مىڭ ئىنتايىن ھاياجانلاندى، نەچچە مىڭ يىللىق بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن، بۇ شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزىدەك ساقلىنىپ قالدى! قەدىمكى دۇنياۋى مىراس جايلارنى سەيلە قىلىش ھەقىقىي ھۇزۇر.

توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونى تىيانشان شەمشادىنىڭ يۇرتى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ يەردە نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان ياۋا مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆسىدۇ. ساياھەتچىلەر ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ مېڭىپ، ئورمانلىقتىكى ئوكسىگېنخانىدىن ھۇزۇر ئالغاچ، قارلىق تاغ، قويۇق ئورمان، يايلاق، ئېقىن، شارقىراتما، جىلغا قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىدۇ. «قوش دەم ئېلىش كۈنىدە، ئەتراپتىكى دوستلارنىڭ ھەممىسى ماشىنا ھەيدەپ بۇ يەرگە كېلىپ پىيادە مېڭىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.» دېدى ناھىيە بازىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ليۇ شياۋجيې.

پىيادە مېڭىشقا دېيىشىش مودىغا ئايلاندى

ھازىر ھەپتە ئاخىرى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە نۇرغۇن كىشى دوستلىرىنى چاقىرىپ، چوڭلار ۋە بالىلارنى ئېلىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شەھەر ئەتراپىغا بېرىپ، مەنزىرە رايونىدا پىيادە مېڭىشقا پۈتۈشىدۇ، پىيادە مېڭىش بىر خىل ساغلام، مودا ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇسۇلىغا ئايلاندى.

ئۈرۈمچى شەھەر رايونى ۋە ئەتراپتىكى شىمىگۇ رايونىغا جايلاشقان سىياھ سىزما تىيانشان دۆلەتلىك تاغقا يامىشىش ساغلاملىق پىيادىلەر يولى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى تىيانشان چوڭ يولى پىيادىلەر يولى، ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى شياۋلۈيگۇ باغچىسىنىڭ ھالقىسىمان پىيادىلەر يولى، سايباغ رايونىنىڭ يامالىق تېغى پىيادىلەر يولى، داۋانچېڭ رايونىنىڭ دۇڭگۇ يېزىسى ساي ئىككىلەمچى ئورمان پىيادىلەر يولى قاتارلىقلار بار. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى، بۇ يەردە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، بىر قىسىملىرى ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى بولۇپ، دوست-يارەنلىرى بىلەن سەيلە قىلغاچ پىيادە مېڭىشقا دېيىشىپ كەلگەن ئىدى.

داۋانچېڭ رايونىنىڭ دۇڭگۇ يېزىسى دەريا جىلغىسى ئىككىلەمچى ئورمانلىققا ئون كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدە ياغاچ ئاسما يول ياسالغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە 100 يىللىق قەدىمىي ئاق قېيىن، يۇلغۇن، ئالما دەرىخى، چىغىرتماقگۈل قاتارلىقلار بار؛ تاغ باغرىدا قارلىق چوققىدىن چۈشكەن سۇ كىچىك ئېرىقىچە ھاسىل قىلىپ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ. «ئون كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ ئاسما يولنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ مەنزىرىسى شۇ قەدەر گۈزەل. پۈتۈن مۇساپىنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنىم تەرلەپ، بېسىمىم تۆۋەنلەپ كەتتى. مەن دوستۇم بىلەن ئۈچ يىل ئىلگىرىلا دائىم بۇ يەرگە كېلىپ پىيادە مېڭىشىنى باشلىغان.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى گو مىڭشيا پۇل مۇئامىلە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ھەپتە ئاخىرىدا دائىم دوستلىرى بىلەن كېلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى مەنزىرە رايونلىرىدا بىللە پىيادە ساياھەت قىلىدۇ.

پىيادە ماڭىدىغانلار كۆپەيدى، بۇنىڭ بىلەن دۇڭگۇ يېزىسى ۋېيزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما ۋېنلىننىڭ دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى. ئۇنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى پىيادىلەر يولى مەنزىرە رايونىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تىجارەت سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر كۈندە 10 مىڭ يۈەنگە يېتەتتى.

قابا ئاق قېيىنزارلىق باغچىسى قابا ناھىيە بازىرىدىكى پۇقرالار پىيادە مېڭىپ ئارام ئالىدىغان ئەڭ ياخشى جاي، شۇنداقلا باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قابا ناھىيەسىگە كېلىپ چوقۇم داكا قىلىدىغان جاي.

«ھازىرقى ئاق قېيىنزارلىق باغچىسى ماڭا بىر جۈملە شېئىرنى ئەسلەتتى، <گۈزەل يوپۇرماقلار چۈشۈپ بولغاندا، ئاندىن ھايات يولىنى كۆرگىلى بولىدۇ>. كۈز پەسلىدە قېيىنزارلىقتىكى ئالتۇن رەڭ كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ» ۋۇ خاۋ گۇاڭجوۋدىن كەلگەن بولۇپ، 11-ئايدا قابا ناھىيەسىگە خىزمەت بىلەن كەلگەندە، شۇ جايدىكى دوستلىرى تەرىپىدىن ئاق قېيىنزارلىق باغچىسىغا ساياھەتكە كېلىپ، دوستلار چەمبىرىكىگە يۇقىرىقىدەك يازما يوللىغاندا، گۇاڭجوۋلۇق دوستلار بەس-بەستە ئالقىشلىدى.

ئاقسۇ شەھىرىدىن 58 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى ئوخشاشلا ئەتراپتىكى ئاھالىلەر يىغىلىپ ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي. ھەر ھەپتە ئاخىرى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك كىشىلەر بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن دېيىشىپ كەلگەنلەر. «بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى چوڭ، مەنزىرە نۇقتىلىرى كۆپ، يەنە مەخسۇس پىيادە ماڭىدىغان ياغاچ ئاسما يول بار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلىشنى، كەيپىياتنى تەڭشەشنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى ساياھەتچى جوۋ جىدۇڭ.