ئۈرۈمچى قار-مۇز شادلىق پەسلىگە كىردى

日期:2020年11月16日
来源:天山网
【字体:

  11-ئاينىڭ 14-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئەركىن قار تېيىلماقتا.

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چىن پېڭ): 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى نەنسەنگە جايلاشقان يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا، قار تېيىلغۇچىلار چاڭغا بىلەن قار تېيىلىش يولىدا ئۇچقاندەك تىيلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلاندى. شۇ كۈنى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شەرتى ئاستىدا، يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا 2020-2021-يىللىق قار پەسلىنىڭ باشلىنىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، نەچچە 100قار تېيىلىش ھەۋەسكارى يېڭى قار پەسلىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل قىشتائۈرۈمچى «قار-مۇز شادلىقى ئۈرۈمچىدە. يىپەك يولىنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش» 2020-2021-يىللىق قار-مۇز شادلىق پەسلى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى قار-مۇز بايرىمى ھەم قار-مۇز چۆچەكلەردىكى مۇزىكا بايرىمى، 2020-يىللىق قار-مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە «يىپەك يولىدىكى قار-مۇزنى خۇشال ساياھەت قىلىش»، «مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش»، «مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىش»، «رەڭگارەڭ سەنئەت نۇمۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش» ۋە «رەڭدار تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش»تىن ئىبارەت بەش باش تېما ھەم«قار-مۇز خوگو يېمەك-ئىچمەك بايرىمى»، «يامالىق تېغى قارلىق دالا مۇسابىقىسى»، «يۈەنشياۋ بايرىمىلىق پانۇس سەيلىسى»،«يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى» قاتارلىق 66 تۈرلۈك يۈرۈشلۈك پائالىيەتنى قانات يايدۇرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسى، 18-نۆۋەتلىك يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى قاتارلىق 380 تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدىكەن. يەنە 2020-يىلى شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئارقا-ئارقىدىن خاڭجوۋ، بېيجىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار-مۇز ساياھىتىگە «خېرىدار» جەلپ قىلىنغان.