شىنجاڭ قاناس تۈرلۈك ساياھەت پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈپ يېڭى قار پەسلىنى كۈتۈۋالدى

日期:2020年11月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ يۈ، ئامان): ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ بىپايان ئورمان، قارلىق دالىلاردىن ھالقىپ، ئېگىز تاغلاردا چاڭغا تېيىلىپ، چانىغا ئولتۇرۇشنى ھېس قىلىش... قىشلىق ساياھەتنىڭ ئالتۇن مەزگىلىيېتىپ كېلىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونى قاناس تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈرلۈك ساياھەت پائالىيىتىگە پائال تەييارلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۇدا نەچچە كۈن ياغقان قار بىلەن، قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس كەنتىنى نىپىز بىر قەۋەت «قار كىيىمى»قاپلىدى. كەچ كۈزدىكى قار مەنزىرىسى ئاستىدا، قۇمقاناس كەنتى تېخىمۇ جىمجىت ۋە سىرلىق تۈسكە كىردى. يىراق بولمىغان جايدىكى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى تۈرى يەنىلا جىددى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتاتتى.

ساياھەتچىلەرنى مول، رەڭگارەڭ قار تېيىلىش تۈرلىرى بىلەن ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل قاناس قۇمقاناس خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. شىنجاڭ قاناس ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى خوۋ مىڭچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرگە 20 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى، قار تېيىلىش رايونى كۆلىمى 40 كۋادرات كىلومېتىرنى ئىگىلىدى، بۇ ئۈچ ماشىنا بىلەن چىڭدالغان قار يولى ۋە تۆت دالا قار يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قورال-جابدۇق رايونى، ئاساسىي يىغىن مەيدانى رايونى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت رايونى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى.

«قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ساياھەتچىلەرگە قار موتسىكلىتى، قار سەكرەش، ئاپتوموموبىل ھەيدەپ كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى تەييارلىنىدۇ.» دېدى خوۋ مىڭچياڭ.

قىش پەسلىدە قاناستا قار قېلىن يول تېيىلغاق بولۇپ، قىش پەسلىدە مەنزىرە رايونىغا تۇتىشىدىغان يوللارنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تاشيول ئاسراش تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مەخسۇس قار تازىلاش ئەترىتى تەشكىللەپ، يولدىكى قارلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا كىرىشىگە بىخەتەر، قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.

ئالتاي تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان قاناس شىنجاڭدىكى ڭەكلىك گىرادۇسى ئەڭ يۇقىرى مەنزىرە رايونى بولۇپ، 2019-يىلى قاناس مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. مەنزىرە رايوننىڭ قار-مۇز ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشىغا ئەگىشىپ، قىش پەسلىدە بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.