بۇ يىل قار-مۇز كاتتا يىغىلىشىغا قاتناشقىلى ئالتايغا بارايلى

日期:2020年11月13日
来源:天山网
【字体:

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىر گو لىن فوتوسى، خەۋىرى): 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىنسانلار قار تېيىلىش بارلىققا كەلگەن جاينىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى.

  بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدە خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەم ۋە قويۇق جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋە قەدىمىي ئۆرپ-ئادەت بىرلەشتۈرۈلگەن قىشلىق ساياھەت كەسپى كاتتا يىغىلىشى نامايان قىلىندى.

  جۇڭگودىكى تۇنجى مەملىكەتلىك قار تېيىلىش چېمپىيونى، «قار تېيىلىش تارىخى تەتقىقات ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى ھەمدە جۇڭگو قار تېيىلىش ئاتىسى دەپ ئاتالغان شەن جاۋجيەن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ تەبىئىي قار بايلىقى ناھايىتى مول، بولۇپمۇ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ، تەبىئىي قار يىغىش قېتىم سانى كۆپ، كۆلىمى كەڭ، قار مىقدارى يېتەرلىك رايون بولۇپ، قار تېيىلىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەۋزەل تەبىئىي قار بايلىقى بىلەن تەمىنلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى «ئىنسانلار قار تېيىلىش بارلىققا كەلگەن جاي» ۋە «جۇڭگو قار ماكانى» ئىككى چوڭ قىشلىق قار-مۇز رايون ماركىسىغا تايىنىپ، قار-مۇز مۇسابىقىسى، قار-مۇز نومۇر ئورۇنداش، قار-مۇز مائارىپى، قار-مۇز ئەسلىھىلىرى، قار-مۇز مەدەنىيىتى، قار-مۇز بايرىمى قاتارلىق قار-مۇز ساياھەت كەسىپلىرىنى پائال ئېچىپ، «تۆت رايون بىر بەلباغ» مەھسۇلات سېستىمىسىنى بەرپا قىلدى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتاي قار تېيلىش ساياھەت رايونى، قاناس گۈزەل قار-مۇز ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، بۇرۇلتوقاي ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش رايونى، كۆكتوقاي قارلىق تاغ جىلغىسى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئىستىراھەت رايونى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى قار تېيىلىش بىرىنچى بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي قار تېيىلىش مەيدانى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تىجارەت باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى چۈشۈش پەرقى 1000 مېتىردىن ئاشىدىغان قار تېيىلىش يولىغا ئىگە بولدى.

  ھازىر، «قار تېيىلىش» شۇ جاينىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىسىم كارتىسىغا، قىشلىق قار-مۇز قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ يىل قىشتا ئالتايغا بارايلى! بۇ قېتىمقى قار-مۇز كاتتا يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، خۇشال چاغلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرايلى.