15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى پۇختا ئېلىپ بېرىلماقتا

日期:2020年11月06日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر لۈ ۋېن خەۋىرى، فوتوسى): «بىز 2020-يىللىق 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسىگە پائال تەييارلىق قىلىپ، پۈتۈن خەلقنى قاتنىشىشقا يېتەكلەپ،15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىنى ھەقىقىي ياخشى ئۆتكۈزۈپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرىمىز» دېدى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چېڭ شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى تەييارلىق كۆرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنىدا.

2020-يىللىق 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى دېيىلىدۇ) 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يەنىلا «2 + N»ئەندىزىسى قوللىنىلىدۇ، بۇنىڭدىكى «2»ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەڭلا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى؛ «N» پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ئوبلاست، شەھەرلەردە يۈرۈشلۈك قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

كۆكتوقاي ناھىيەسى 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى بولۇپ، قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى، شىنجاڭ «قار-مۇز مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكىتى قار-مۇز چېمپيونلۇقىنى كېڭەيتىش ئەلچىسىگە ۋىۋىسكا بېرىش، قىشلىق ئولىمپىك ئالاھىدە ئىجازەتلىك تاۋارلارغا ھوقۇق بېرىش ۋە قار-مۇز ساياھىتى، قەدىمكى تېرىدە قار تېيىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭغا، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتكە بىر مەيدان خەلقئارالىق ئۆلچەم ۋە قويۇق جۇڭگوچە ئۇسلۇب ھەم ئالاھىدىلىككە ئىگە، زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن قەدىمىي ئۆرپ-ئادەتلەر ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسى نامايان قىلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. كۆكتوقاي ناھىيەسى 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى 57 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپىگە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا، پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولماقتا.