كەچ كۈزدىكى قابا ناھىيەسى ئاق قېيىن ئورمانلىقىغا نەزەر

日期:2020年11月06日
来源:天山网
【字体:

    تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر شېن جۈچىن خەۋىرى، فوتوسى): كەچ كۈزدىكى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسى ئاق قېيىن ئورمانلىقىدىكى دەرەخلەرگەرچە پۈتۈنلەي يوپۇرماق تاشلىغان بولسىمۇ، بىراق، يەنىلا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەر يۈزىنى ئالتۇن رەڭلىك دەرەخ يوپۇرماقلىرى قاپلىغان بولۇپ، گەرچە قىيىن دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما دەرەخ شاخلىرى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭگە كىرىپ، كۆك ئاسمان بىلەن بىللە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلاتتى. ئاق قېيىن دەرىخى ئارىسىدا تۇرۇپ، ئىنچىكە شاخلار ۋە غازاڭلارنىڭ ئاياغ ئاستىدىن چىققان غىچ-غىچ ئاۋازنى ئاڭلىغاچ، ئورمانلىقتىكى تەبىئەت ھىدىنى ھېس قىلسىڭىز، كەچ كۈزدىكى غېرىبلىق تۇيغۇڭىز تامامەن غايىپ بولىدۇ. كۈزنىڭ ساپ ۋە سالقىن ھاۋاسى كىشىگە باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.