تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى جىڭخەي، خۇ گوخەي): 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى بوشلۇقتىن تارتىلغان شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شەھەر مەنزىرىسى. كەچ كۈزدە، توقسۇن ناھىيەسى بەيياڭخې دەرياسىدىكى زۇمرەت سۇ ھەمدە كۆك ئاسمان، سارغايغان كۈز يوپۇرماقلىرى، ئەتراپتىكى باغچىنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆرگىلى بولىدىغان يېشىللىق ۋە تۇتاش كەتكەن دەرەخلىك قويۇق كۈز رەڭگىگە كىردى، قاتمۇقات، بۇلۇق ئۆسكەن چاتقال، قومۇشلار دەل مۇشۇ پەسىلدە رەڭگارەك ۋە گۈزەل تۈسكە كىرىپ،كىشىگە ھۇزۇر ۋە ئارامبەخش تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.