شىنجاڭ شىخۇ شەھىرى كۇرتۇدىكى «غەلىتە كۆل»نىڭ سۈرەتتەك گۈزەل كۈز مەنزىرىسى

日期:2020年11月04日
来源:天山网
【字体:

 تىيانشان تورى خەۋىرى: ھاۋا ئوچۇق، كۈز مەنزىرىسى كىشىگە يېقىشلىق، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھىرى كۇرتۇ بازىرىغا جايلاشقان قىزىجار كۆلىنىڭ كۈز مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى. قىزىجار كۆلى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كۆللەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ گىرەلىشىپ كەتكەن نۇرغۇن كىچىك كۆللەردىن تەركىب تاپقان، بەزىلىرىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 70 ـ 80 مېتىر، بەزىلىرىنىڭ كەڭلىكى ئاران نەچچە مېتىر بولۇپ، خۇددى ئايرىم-ئايرىم ئېقىنغا ئوخشايدۇ، لېكىن چىقىش ئېغىزى يوق، ئۆزى بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن. كۆل سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك، بۇلغانمىغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «غەلىتە كۆل» دەپ ئاتايدۇ.

كۈزدىكى قىزىجار كۆلى ئەتراپىدىكى قومۇشلار قويۇق ئۆسكەن، توغراقلار ئالتۇن رەڭدە، ئاق تېرەكلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، جىگدىلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى بۈك ـ باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، ئەينەكتەك سۈزۈك كۆل سۈيىدە ئەكس ئېتىپ، ئاسمان ـ زېمىن بىلەن كۆل سۈيىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، تەبىئىي تاغ ـ دەريا يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈرگەنىدى، بۇ مەنزىرە كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ.