نانچىلىق كەسپى ئىلىنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى

日期:2020年11月04日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلارساۋخۇا، لۈ يىخەن خەۋىرى): ئىلى تىلغا ئېلىنسا، ئالدى بىلەن ئېسىڭىزگە نېمىلەر كېلىدۇ؟ بىپايان يايلاق ياكى مەززىلىك قېزا، ياكى ئۈستىقۇددۇس ۋە ياكى قارا ھەسەلىمۇ؟ نۆۋەتتە، مەززىلىك نان تېز سۈرئەتتە ئىلىنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى، شۇ جاي ناننى ئىچكىرىدىكى بازارلارغا سېتىپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىپ، نان + ساياھەت، نان + سودا، نان + ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قاتارلىق پۈتۈنلەي يېڭى تىجارەت ئەندىزىلىرى ئارقىلىق، ئىلىنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، ھەر خىل تەمدىكى نانلار بىلەن لىق تولغان مال جازىلىرى.

خېمىر يۇغۇرۇش، زۇۋۇلا قىلىش، قىيما سېلىش، يېقىش... 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى، رەتلىك، پاكىز زاۋۇت ئۆيلىرىدە، ئىشچىلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىۋاتاتتى، ئوراپ قاچىلانغان نانلار قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە يەتكۈزۈلەتتى. باغچا رايونىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا گۈلقەنت نان، لازا نان، كۈنجۈت نانقاتارلىق نەچچە ئون خىل نان تىزىپ قويۇلغانىدى.

«بۇ يىل 6 ـ ئايدا قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قىسقىغىنا تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، كەسىپلەر باغچىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە جەمئىي 400 مىڭ دانە نان ئېكسپورت قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، سىچۇەن قاتارلىق جايلارغا 100 مىڭ دانە نان سېتىپ، ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە بىز يەنە 200 مىڭ دانە نان ئېكىسپورت قىلىش زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ھازىر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز» دېدى قورغاس شەھەرلىك يېمەكلىك پىششىقلاشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇي چياڭ.

قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بولۇپ،ئېكسپورتنى يېتەكچى قىلغان زامانىۋى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئۇنىڭغا جەمئىي 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40 نەچچە مو بولۇپ،نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيى، نان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ساياھەتچىلەر ھېس قىلىش مەركىزى، «بىر بەلباغ، بىر يول» شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، سودا كېڭىشىشى، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئون فۇنكسىيەلىك رايون بار. بۇ كەسىپلەر باغچىسى «سانائەت + ئېكسپورت سودىسى + ساياھەت» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللانغان بولۇپ، ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كۆپ خىل خاس نان، بولكا، ليېبا قاتارلىقلار بار، ھازىر باغچا رايونىدا جەمئىي 73 تونۇر بار، كۈنىگە 100 مىڭ نان ياققىلى بولىدىكەن.

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.

خۇي چياڭ مۇنداق دېدى: «قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا ھازىر ئون نەچچە كارخانا ماكانلىشىپ، 1000 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت قورغاس چېگرا ئېغىزىنىڭ رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ نانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش».

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلى ئوبلاستى ئاپتونوم رايوننىڭ نان مەدەنىيىتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 11 ناھىيە، شەھەر ۋە پورتتا نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇپ، نانچىلىق كەسپىنى ئىلىنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندۇرغان.

بۇ يىل 9 ـ ئايدا تىجارەت باشلىغان كۈنەس ناھىيەسى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى دۆلەت ئىچى بازىرىنى پائال ئېچىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شۈچاڭ شەھىرى، يۈجوۋ شەھەرلىك يېمەك ـ ئىچمەك جەمئىيىتى ھەمدە شىنجاڭدىكى چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازار قاتارلىقلار بىلەن قىممىتى 50 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان نان سېتىۋېلىش ـ سېتىش توختامى ئىمزالىدى، ھازىر بۇ باغچا رايونى نان ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەتمەكتە.

غۇلجا شەھىرىدە، مەززىلىك تائاملار ۋە ساياھەت ئامىللىرى يۇغۇرۇلغان ئىلى دەرياسى نان مەدەنىيىتى كىچىك بازىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۇ يەردە، سىز ھەر خىل تەمدىكى نانلارنى تېتىيالايسىز، يەنە بىر چىنە ئەتكەن چاي ئىچسىڭىز، شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايسىز.

قورغاس ناھىيەسى يىپەك يولى نۇڭساڭ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ۋاڭخۇڭ داكا جايىغا ئايلاندى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نان مەدەنىيىتىدىن ساياھەتچىلەر مېھرىنى ئۈزەلمىدى.

قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ خىزمەتچىسى تۇرغۇنجان ئۆمەر مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىل 7 ـ ئايدا نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا بېرىپ ئىشقا چۈشتۈم، ئۈچ ئايلىق ئۆگىنىش ئارقىلىق 2 ـ دەرىجىلىك ناۋايلىق سەۋىيەسىگە يەتتىم، ئايلىق مائاشىم 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى».

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كۆپ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە، ئىلىدا كۈندىلىك نان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 3 مىليون دانىگە يېتىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولغان.