شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خەتتات، رەسساملىرى مەدەنىيەتنى كارخانىلارغا كىرگۈزدى

日期:2020年11月03日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ خۇەن، چىڭ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، بېيشىن يول-كۆۋرۈك گۇرۇھى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش . شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بېيشىن يول-كۆۋرۈك گۇرۇھىغا كىرىپ، رەسساملىق، خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋە بېيشىن سەنئەت مەركىزى ئېچىش» پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش . شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرى بېيشىن يول-كۆۋرۈك گۇرۇھىغا كىرىپ، رەسساملىق، خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋە بېيشىن سەنئەت مەركىزى ئېچىش» پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خەتتات، رەسساملىرى پائالىيەتكە رەڭدار تۈس قوشتى.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، بېيشىن يول-كۆۋرۈك گۇرۇھىنىڭ خادىمى ۋاڭ جيارۇي سەنئەتكارلارنىڭ كۆرگەزمىگە قويغان خەتتاتلىق، رەسساملىق ئەسەرلىرىنى كۆرمەكتە.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ داشۆ خەتتاتلىق، رەسساملىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈنبىڭ بېيشىن سەنئەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىش نەق مەيدانىدا رەسىم سىزىپ بەرمەكتە.

شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىر نەچچە خەتتات، رەسسامى نەق مەيداندا يېزىش، سىزىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» باش تېما قىلىنغان30 نەچچە پارچە خەتتاتلىق، رەسساملىق ئەسىرى ئىجاد قىلدى.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى خەتتاتلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن بوياڭ پائالىيەتنىڭ تېمىسىنى يېزىپ بەردى.

جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى فاڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارغا مەدەنىيەت يەتكۈزۈپ، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى ئارقىلىق <شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش>قا تۆھپە قوشۇپ، سەنئەتكارلارنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر كارخانا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ».

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى فاڭ پائالىيەتكە ئېسىل ھۆسنخەت يېزىپ بەردى.

شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كۇەي جېنمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، خەلققە يېقىن تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەتنى ھەربىي لاگېرغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرگۈزىمىز.