قايدۇ دەرياسى سۇلۇق يېرى ئاق قۇلارنىڭ قىشلايدىغان ماكانىغا ئايلاندى

日期:2020年11月03日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ھەبىبە، بەي كېبىن خەۋىرى، فوتوسى): ھاۋانىڭ تەدرىجىي سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، توپ-توپ ئاق قۇلار بايىنبۇلاقتىن ئۇچۇپ تىيانشاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئۆتۈپ، يەنجى ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان بىڭتۇەن 2-شىسىنىڭ 21-تۈەنىدىكى قايدۇ دەرياسى سۇلۇق يېرىگە كېلىپ قىشلاش ئۈچۈن ماكانلاشتى، بۇ، ئاق قۇلارنىڭ قايدۇ دەرياسى سۇلۇق يېرىگە ماكانلىشىپ قىشلاۋاتقانلىقىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ھېسابلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇەنچاڭلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 2011-يىلىدىن باشلاپ ئاق قۇلار21-تۇەنگە ئۇدا كېلىشكە باشلىدى، ئاق قۇلارنىڭ سانى ئەڭ دەسلەپتىكى نەچچە ئوندىن ھازىرقى 300 نەچچىگە يەتتى، ئاق قۇلارنىڭ سانى ھەر يىلى داۋاملىق كۆپەيمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، 21-تۇەن «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى باشتىن-ئاخىر مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇشنى نىشان قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تاغلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن، سۈزۈك سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان، «دەريا راۋان، سۈيى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، مەنزىرىسى گۈزەل» بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلغان، تېخىمۇ كۆپ ئەتىۋارلىق پەسىل قۇشلىرى بۇ جاينىڭ «داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدىغان» بولغان.