«فۇجيەن-شىنجاڭ مۇھەببىتى . فۇجيەن-سانجى سەپىرى» 2020-يىللىق سانجى ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى فۇجيەندە ئۆتكۈزۈلدى

日期:2020年11月03日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، «فۇجيەن-شىنجاڭ مۇھەببىتى . فۇجيەن-سانجى سەپىرى» سانجى ئوبلاستىنىڭ 2020-يىللىق مەدەنىيەت-ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى فۇجيەن مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى، فۇجيەن ئۆلكىسى ھۆددە ئايروپىلانى، مەخسۇس پويىزىغا قارىتىلغان قىشلىق ساياھەت ئېتىبار سىياسىتى، ئۆزئارا مېھمان يەتكۈزۈش كېلىشىمى ئىمزالاش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، ئىككى جاينىڭ ساياھەت ئالاقىسى، ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى نەق مەيداندا شىنجاڭدىكى تۇنجى ۋىلايەت، ئوبلاست ھالقىغان ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى «پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىش __ مىڭ چاقىرىملىق ئالتۇن لىنىيە»نى تونۇشتۇردى ھەمدە سانجى ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىك بويىچە مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان فۇجيەن ئۆلكىسىدىن سانجى ئوبلاستىغا بارىدىغان ھۆددە ئايروپىلان ئالاھىدە سىياسىتى يولغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن كېلەر يىلى 4-ئايغىچە، سانجى ئوبلاستىدىكى A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، فۇجيەن ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن سانجى ئوبلاستى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، فۇجيەن بىلەن سانجى ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، سانجى ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى جوۋ شياۋخۇا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى فۇجيەننىڭ كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم تۇتقىسى ھېسابلىنىدۇ. «كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتى ئارقىلىق، بىز ئالاقىدار كەسىپ، خېرىدار مەنبەسىنى كىرگۈزۈپ، ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تولۇقلاپ، ئىككى جاينىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.»

كېيىنكى قەدەمدە، فۇجيەن، سانجى ئىككى جاي يەنە «فۇجيەن-شىنجاڭ ساياھەت ھەمكارلىقى رامكا كېلىشىمى»نىڭ مەزمۇنىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، فۇجيەن، سانجى ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

(گۇاڭمىڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ شىياۋ)