گەنجياخۇ سۇلۇق يېرىدە چارۋىچىلىق چېكىندۈرۈلگەن ئۈچ يىلدا، كۆل سۈيى ئۇلغىيىپ، سۆكسۆكلەر بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ جەمگاھىغا ئايلاندى

日期:2020年10月30日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى، ئىخىتىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ دېگاڭ، لى رەن خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ گەنجياخۇ سۆكسۆك ئورمىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى شىخۇ باشقۇرۇش تارماق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، گەنجياخۇ مۇھاپىزەت رايونى شىخۇ باشقۇرۇش رايونىنىڭ سۇلۇق يەر كۆلىمى 61 مىڭ موغا يېتىدىغان بولۇپ، دەريا ئېقىنى سۇلۇق يېرى ۋە سازلىق سۇلۇق يېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، كۆلىمى 2017-يىلى «چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 8000 مو كېڭەيگەن.

گەنجياخۇ سۇلۇق يېرىدىكى بۈك-باراقسان ئورمانلىق.

2017 ـ يىلىدىن باشلاپ، گەنچۇەنباۋ مۇھاپىزەت رايونى «چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگەقايتۇرۇش» تۈرىنى يولغا قويۇپ، 5000 مو ئەتراپىدىكى ئوتلاقتا چارۋىچىلىقنىڭ چېكىندۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، باشقۇرۇش، قوغداش رايونى ھەر يىلى سۇلۇق يەرگە يەنە150 كۈن ئەتراپىدا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلىدى، بۇ تەدبىرلەر مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدى.

گەنجياخۇ سۆكسۆك ئورمانلىقى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېبنۇر كۆلىنى مەركەز قىلغان ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆل تىنما تۈزلەڭلىكىگە تەۋە، ئۇ بۇ خىل ئىپتىدائىي ھالىتى بىلەن، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، تۇتاش كەتكەن چۆل ئاق سۆكسۆكى تەبىئىي چاتقال ئورمان رايونى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇلۇق يەردە تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قاشالاپ يېتىشتۈرۈش، زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۈنئىي چارلاپ قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىپ، سۈنئىي بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، سۈنئىي ئۇسۇلدا قوشۇمچە ئورمان يېتىشتۈرۈش، تەبىئىي يېڭىلىنىشنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، سۆكسۆك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مۇھاپىزەت رايونى تەۋەسىدىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

گەنجياخۇ سۇلۇق يېرىدە قۇشلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى شىخۇ باشقۇرۇش تارماق ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، سۇ بايلىقى ئۈنۈملۈك تەڭشىلىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ساقلاپ قېلىنغان. ھازىر مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %63.4كە يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۈپىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن. بۈگۈنكى كۈندە، سۇلۇق يەردە ياشايدىغان قۇشلارنىڭ تۈرى 200 خىلدىن ئاشقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاق سۆكسۆك، سۆكسۆك، توغراق، يۇلغۇن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاق قۇ، ئاق لەيلەك، چىپار دوغداق قاتارلىق قۇشلارنىڭ كۆچۈش ئۆتەڭلىرى بار ئىكەن.

سۇلۇق يەر پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش سەپىرىدىكى ئۆتەڭگە ئايلاندى.

چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشى مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇھاپىزەت رايونى سۇلۇق يىرى ئەتراپىدا 61 يىل ياشىغان گۈرت بازىرىدىكى چارۋىچى قانات ئوسىبار، 2017-يىلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن 1000 مو ئوتلىقىنى چارۋىچىلىقتىن قايتۇردى ھەم دۆلەتنىڭ ئوتلاق تولۇقلىما سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى. بۇ بىر قانچە يىلدا، «چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش»نىڭ پايدىسى بىلەن، ئۇنىڭ قالغان 3000 مو ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، بۇنىڭ بىلەن چارۋا بېقىشقا تېخىمۇ باب كەلدى. «سۇلۇق يەر كۆپەيسە،ئوت-چۆپلەر بارغانسېرى بولۇق ئۆسۈپ، كالا، قويلىرىم تېخىمۇ ياخشى چوڭ بولىدۇ» دېدى ئۇ، ھازىر قولىدىكى چارۋىنىڭ 100 تۇياقتىن ئاشقانلىقىنى، يىللىق كىرىمى 200 نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىپ، چارۋىچىلىقتىن قايتۇرۇشقا قاتناشقانغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسە ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش بىلەن چارۋىچىلارنىڭ ئوتلىقى چارۋا بېقىشقا تېخىمۇ باب كەلدى

مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشتىن نەپكە ئېرىشكەنلەردىن يەنە مۇھاپىزەت رايونى ئەتراپىدىكى دېھقانلارمۇ بار. گۈرت بازىرى تۇڭليۇ كەنتىدىكى دېھقان ليۇ جىگو ئېيتىشىچە، سۇلۇق يەرنىڭ كۆلىمى كېڭىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆپىيىپ، قۇم-بوراننىڭ زىرائەتلەرگە يەتكۈزىدىغان زىيىنى ئازايغان، «ئىلگىرى كېۋەزلەر شامالنىڭ تەسىرىدە، مو بېشى مەھسۇلاتى 300 كىلوگىرامغا يېتەتتى، بۇلتۇردىن باشلاپ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 450 ـ 500 كىلوگىرامغا يەتتى» دېدى ئۇ.

مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى شىخۇ باشقۇرۇش تارماق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە مۇھاپىزەت رايونى سۇلۇق يەرنى قوغداش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ھەم ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇقلاپ، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىشقا تىرىشىدۇ.